خىتاينىڭ جوڭگۇ خەۋەرلەر تورىنىڭ 24 - فېۋرالدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2015 - يىل 1 - ئاي ئىچىدە «8 ماددىلىق كادىرلار ئىنتىزامى» غا خىلاپلىق قىلمىشلاردىن پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 1650 مەسىلە بايقالغان، 2133 نەپەر ھۆكۈمەت كادىرىغا چارە كۆرۈلگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، 2015 - يىلدىن باشلاپ، مەركىزى ھۆكۈمەت بەلگىلىگەن «8 ماددىلىق كادىرلار ئىنتىزامى» غا خىلاپلىق قىلىپ جازالانغانلار سانى ئىستاتىستىكا قىلىنىپ، ھەر ئاينىڭ ئاخىرى توردا ئاشكارە ئېلان قىلىش يولغا قويۇلىدىكەن. خەۋردە يەنە «8 ماددىلىق كادىرلار ئىنتىزامى»غا ئىزاھات بېرىلىپ، «بۇ مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ھۆكۈمەت كادىرلىرىدا بارغانچە ئەۋج ئېلىۋاتقان چىرىكلىك قىلمىشىنى توسۇش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان يېڭى تەدبىر» دېيىلگەن.
يېقىنقى يىللاردا خىتايدا بارغانچە ئەۋج ئالغان پارىخورلۇق - چىرىكلىك قىلمىشى پۇقرالارنى نارازى قىلىپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان. 2013 - يىل يىل ئاخىرى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ھۆكۈمەت كادىرلىرىدىكى پارىخورلۇق - چىرىكلىك قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇلتۇر بىر يىل ئىچىدە خىتايدا يۇقىرىسى ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋىنى يېزا كادىرلىرىغىچە تەخمىنەن 200 مىڭدىن ئارتۇق ھۆكۈمەت كادىرى جازاغا ئۇچرىغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئەمەلدارلارنىڭلا 60 تىن ئاشىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى.