خەلقئارا كىرېدىت باھالاش ئورگانى خىتاينىڭ كىرېدىت دەرىجىسىنى مەنپىيگە چۈشۈرۈپ قويدى
2023.12.05
خەلقئارا كىرېدىت باھالاش ئورگانى بولغان «مودى» (Moody) خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىرېدىت ئىستىقبالىنى ئىلگىرىكى «مۇقىم» دېگەن دەرىجىدىن «مەنپىي» ياكى «تۇراقسىز» دەرىجىسىگە چۈشۈرگەن.
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «مودى» نىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىرېدىت ئىستىقبالىنى «مەنپىي» گە چۈشۈرۈپ قويۇشىغا ئۇنىڭ ھۆكۈمەت قەرزىنىڭ ئارتىپ كېتىش خەۋپى سەۋەب بولغان.
ئامېرىكا CNBC قانىلىنىڭ 5-دېكابىر كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە، «مودى» بېيجىڭنىڭ قىيىنچىلىقتا قالغان يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنى ۋە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنى قۇتقۇزۇش ياردىمى ئۇنىڭ يىللىق خام چوتى ۋە ئىقتىسادى ئىقتىدارىنى ئاجىزلىتىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەرلەردە، مودىنىڭ خىتاي دۆلەت زايومىنىڭ كىرېدىت دەرىجىسىنى يەنىلا «A1» يەنى ئوتتۇرا ھالەتنى ساقلاپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قىممىتىنىڭ ئارتىشى 2024-يىلى ۋە 2025-يىللىرى 4 پىرسەنت، 2026-يىلىدىن 2030-يىلغىچە 3.8 پىرسەنتكە چۈشىدۇ، دەپ قىياس قىلغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.
«مودىنىڭ» پەرىزىگە قارىغاندا، قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئامىللار، جۈملىدىن ئاجىز نوپۇس قۇرۇلمىسى 2030-يىلغىچە خىتاي يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ 3.5 پىرسەنتكە چۈشۈشىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن.
«مودى» 5-دېكابىر ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۆز قارارىنىڭ بېيجىڭنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە ئۆي مۈلۈك شىركەتلىرىنىڭ بارغانسېرى ئېشىۋاتقان قەرز كىرىزىسىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ئۇلارغا مالىيە ياردىمى بېرىشى، ئۇنىڭ قەرز مىقدارى ۋە ئىقتىسادىنىڭ ئۆسۈشىگە بولغان ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلەيدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
رېيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ يېقىندا ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت بانكىلىرىغا يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرزىنى تۆۋەن ئۆسۈمدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك كىرېدىتقا ئۆزگەرتىشنى ئېيتقان. خەۋەردە، خىتايدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرزى بۇ يىل 10-ئايدا 12 تىرىللىيون 580 مىليارد دوللارغا يېتىپ بارغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.
چەتئەللەردىكى مۇستەقىل خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بۇ يىل 8-ئايدا جەنۇبىي ئافرىقىدىن قايتىش سەپىرىدە تۇيۇقسىز ئۈرۈمچىدە توختاپ ئۆتۈشىدىكى سەۋەبمۇ يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز كىرىزىسىنىڭ «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پروگراممىسى» غا خىرىس قىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.