خىتاينىڭ «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 27- سېنتەبىر سەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ قارارى بىلەن دۆلەت بايرىمىدا 7 كۈنلۈك دەم ئېلىش ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى، بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىلىپ، بىر ھەپتىلىك دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىش تەكىتلەنگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھەرقايسى ئىدارىلەرنىڭ 1- قول باشلىقلىرىدىن بايرام مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىللىق قۇربان ھېيت مەزگىلىدىمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي بايرىمى قۇربان ھېيتنىڭ خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى تاۋۇز چاغىنى بىلەن بىر ۋاقىتقا توغرا كەلگەنلىكى ئۈچۈن، 9-سېنتەبىردىن 16-سېنتەبىرگىچە 7 كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، بايرام مەزگىلىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچەيتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما قۇربان ھېيت ھارپىسىدا، يەنى، 9- سېنتەبىر كۈنى خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدە پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ئىدى.
ئىگىلىنىشىچە،9-سېنتەبىر كۈنى گۇمادا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەدە ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قاتارلىق بىرقانچە ساقچى يەرلىك بومبا ياسىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئېلىنغان بىر گەمىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا پارتلىتىش ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلغان.
خەلقئارا تاراتقۇلاردىكى مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە بېرىلگەن خەۋەر ئانالىزلىرىدا ۋە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىنكاسلىرىدا بۇ قېتىمقى پارتلاشنىڭ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر دىيارىغا يېڭىدىن بەلگىلەنگەن پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو ئۆزىنىڭ رايوندا مۇقىملىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قاتتىق زەربە بېرىش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، بىر ئاي بولمايلا يۈز بېرىشى دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق قول سىياسىتىنىڭ ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىپ، رايوندىكى نارازىلىق ۋە قارشىلىق كەيپىياتىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.