كۆزەتكۈچىلەر: «خىتاي دومىنىكا جۇمھۇرىيىتىنى 3 مىليارد دوللارغا سېتىۋالغان»

تەيۋەن خىتاينىڭ دومىنىكا جۇمھۇرىيىتىگە پارا بېرىپ، ئۇنىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزدۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋۇ چىچوڭ خىتاينىڭ دومىنىكا جۇمھۇرىيىتىگە تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزسە، ئۇنىڭغا 3 مىليارد 100 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىش ۋە قەرز بېرىشكە ۋەدە قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دومىنىكا جۇمھۇرىيىتى سەيشەنبە كۈنى تەيۋەن بىلەن بولغان ئۇزۇن يىللىق دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ، خىتاي بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. ۋۇ چىچوڭ سەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ دوللار دىپلوماتىيەسىنى ئىشقا سېلىپ، تەيۋەننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، «تەيۋەن خىتاينىڭ دوللار دىپلوماتىيەسىنى ئىشقا سېلىپ، تەيۋەننىڭ دىپلوماتىك ئىتتىپاقداشلىرىنى ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگۈزۈشتەك تەربىيەسىز قارارىنى قاتتىق تەنقىد قىلىدۇ» دېگەن.

رويتېرسنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، خىتاي تاش يول قۇرۇلۇشىغا 400 مىليون دوللار، ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىغا ۋە بىر گاز ئېلېكتر ئىستانسىسىغا 300 مىليون دوللار قەرز پۇل بېرىشكە ۋەدە بەرگەن. لېكىن يېقىندا خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدىكى بەزى نوپۇزلۇق ئەربابلار بۇ دۆلەتلەرنىڭ قەرز قايتۇرۇش ئىقتىدارى يوقلۇقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

تەيۋەننىڭ ئوتتۇرا ئامېرىكا ۋە تىنچ ئوكياندىكى بېلىز، ناۋرۇ قاتارلىق دۆلەت بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى بار بولۇپ، خىتاي بۇ دۆلەتلەرنى قەرز پۇل بېرىش، مەبلەغ سېلىش دېگەندەك ۋەدىلەر بىلەن ئۆزىگە تارتىپ كەلگەن. تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋۇ چىچوڭ سەيشەنبە كۈنى يەنە دومىنىكا جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى دانىلو مەدىنانى تەنقىدلەپ، ئۇنى «خىتاينىڭ مەبلەغ سېلىش، ياردەم بېرىش ھەققىدىكى ساختا ۋەدىسىگە ئىشىنىپ كېتىش» بىلەن ئەيىبلىگەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ دومىنىكا جۇمھۇرىيىتىگە ئىقتىسادى ۋەدە بەرگەنلىكىنى رەت قىلغان.