خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاينىڭ ئىسلام ئەللىرىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرىنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە ھۇجۇم تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
ب ب س نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 26 - ئىيۇل، يەنى يەكشەنبە كۈنى سومالى پايتەختى موگادىشودىكى «يېرىم ئارال خان ئوردىسى» مېھمانخانىسى بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئاز دېگەندە 13 ئادەم ئۆلگەن، 40 نەچچە ئادەم يارىلانغان.
خىتاينىڭ سومالىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئۆتكەن يىلى 10 - ئايدىن باشلاپ مەزكۇر مېھمانخانىدا ئىش باشلىغان بولۇپ، بىخەتەرلىكى قاتتىق قوغدىلىدىغان مەزكۇر مېھمانخانىنى ۋاقىتلىق ئەلچىخانا قىلغان. ھالبۇكى، پارتلاشتا خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بىر قوراللىق خادىمى ئۆلگەن، 3 نەپەر خىزمەتچى خادىمى يارىلانغان.
ئۇنىڭدىن باشقا، يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ بىر قىسىم ئىسلام ئەللىرىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرى جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئەلچىخانا خادىملىرى بىلەن خىتاي پۇقرالىرىنى بىخەتەرلىك بويىچە ئاگاھلاندۇرغان.
خىتاينىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسمۇ ھەرقايسى شەھەرلەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىلىرى ۋە سەئۇدىدا تۇرۇشلۇق خىتاي پۇقرالىرىنى بىخەتەرلىك ھەمدە مۇداپىئە ئېڭىنى كۈچەيتىش بويىچە جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنلىكى مەلۇم.
