خىتايدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان ئەمەلدارلارنىڭ زور كۆپچىلىكى پارىخور، خىيانەتچىلەر

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015.01.29

خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2014-يىلى خىتايدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ نىسبىتى ئالدىنقى يىللاردىكىدىن كۆپەيگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكى پارىخورلۇق، خىيانەتچىلىك قىلمىشى تەكشۈرۈلگەنلەر ئىكەن.

خىتاينىڭ جۇڭگو خەۋەرلەر تورىنىڭ 29-يانۋار پەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، 2014-يىلى 1-ئايدىن 9-ئايغا قەدەر 32 نەپەر ھۆكۈمەت ئەمەلدارى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. بۇلارنىڭ 30% پىرسەنتى ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، پارىخورلۇق، خىيانەتچىلىك قىلمىشلىرى رەسمىي تەكشۈرۈش باسقۇچىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.

2014-يىلى خىتايدا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ چىرىكلىك قىلمىشىغا «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتى كۈچەيگەن. جۇ يوڭكاڭ، شۈ سەيخۇ، لىڭ جىخۇا قاتارلىق دۆلەت دەرىجىلىك ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردىنلا 50 تىن ئارتۇق كىشى پارىخورلۇق، خىيانەتچىلىك قاتارلىق چىرىكلىك دېلولىرى بىلەن ئەيىبلىنىپ، خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلانغان ۋە سوت ئورۇنلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.