ئۇيغۇر دىيارىغا يۆتكەپ كېلىنگەن خىتاي ئەمەلدارىنىڭ ۋەزىپىسى ئايدىڭلاشتى

يېقىندا خىتاينىڭ جىلىن ئۆلكىسى چاڭچۈن شەھىرىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ جۈنجېڭنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا يۆتكەپ كېلىنىشتىكى سەۋەبى ئايدىڭلاشقان.

ئۇنىڭ ئىككى ھەپتە ئاۋۋال تۇيۇقسىز ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزالىقىغا يۆتكەپ كېلىنىشى ھەر خىل گۇمانلارنى قوزغىغان ئىدى.

بەزىلەر ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگونىڭ ئورنىغا ئولتۇرۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. لېكىن خوڭكوڭدىكى «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 27‏-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، ۋاڭ جۈنجېڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى جۇ خەيلۇننىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغان. ئۇ 25‏-فېۋرال كۈنى سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ ئومۇمى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغان. جۇ خەيلۇن بۇ يىل 1‏-ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا يۆتكىلىپ، ئۇنىڭ ئورنى بوش قالغان ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جۇ خەيلۇننى سىياسى-قانۇن سېپىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ۋاڭ جۈنجېڭنى يۆتكەپ كېلىشى ئۇنى خەلقئارانىڭ كۆزىدىن يىراق تۇتۇشنى مەقسەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

جۇ خەيلۇن 2 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىلىشى ۋە ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇشىدا ئاساسلىق جاۋابكارلارنىڭ بىرى دەپ قارىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جازالىشى تەلەپ قىلىنىۋاتقان شەخس. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرى ئۆتكەن يىلى پرېزىدېنت ترامپقا خەت يېزىپ، ئۇنىڭغا ئېمبارگو قويۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە تەكىتلىنىشىچە، ۋاڭ جۈنجېڭنىڭ ۋەزىپىسى ئۇيغۇر رايونىدا پارتىيەنىڭ مۇتلەق رەھبەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىكەن. ئۇ 25‏-فېۋرال ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا «پارتىيەنىڭ سىياسىي-قانۇن سېپىدىكى مۇتلەق رەھبەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي ئىجرا قىلىش» نى تەكىتلىگەن.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كۆزەتكۈچىلەر ۋاڭ جۈنجېڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى قاتتىق كونتروللۇق سىياسىتىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش پەيدا قىلمايدۇ، دەپ قارايدىكەن.