يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرى «مەركەزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى» نىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىي، ھەربىي، مەمۇرىي ئەمەلدارلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي ۋە شەرقىدىكى ۋىلايەت، شەھەرلىرىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ «شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى» نىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتاي كومپارتىيەسى «3‏-نۆۋەتلىك شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى» چاقىرىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ تەكشۈرۈش بۇ يىل يازدا چاقىرىلىدىغان مەزكۇر يىغىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. يېقىندا خوڭكوڭدىكى «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خىتاينىڭ «3‏-نۆۋەتلىك شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى» چاقىرىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى، يىغىندا خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى سىياسىتىنىڭ كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتكەن-يەتمىگەنلىكى كۆرۈپ چىقىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017‏-يىلدىن باشلاپ 800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە ئۇيغۇرنى ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنى تۇتقۇن قىلىپ، لاگېرلارغا قامىغان. ئائىلىلەرنى پارچىلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، مەدەنىيىتى ۋە تىلىنى چەكلىگەن. بۇ ئۇيغۇر ئىجتىمائىي ھاياتىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كەلگەنىدى.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 15‏-ئىيۇل بەرگەن خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ سىياسىي كومىسسارى لى ۋېي ئاقسۇ، قىزىل سۇ قەشقەر قاتارلىق جايلاردىكى ھەربىي قىسىملار ۋە چېگرا مۇداپىئە پونكىتلىرىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچى، تۇرپان، قۇمۇل قاتارلىق جايلاردا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى شۈ خەيروڭ ئۈرۈمچى شەھىرىگە قاراشلىق سايباغ رايونى قاتارلىق جايلاردىكى ئىجتىمائىي رايون، ساقچى پونكىتى، ئەدلىيە ئورنى، سەھىيە مۇلازىم ئەت مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلاردا نىشانلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، خىتاي پارتىيەسىنىڭ «شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش باش ئىستراتېگىيەسى» نىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى، ئۇنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى تەكشۈرگەن. ئەگەر خىتاينىڭ «3‏-نۆۋەتلىك شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دېگەندەك بۇ يىل يازدا چاقىرىلسا، ئۇيغۇر مەسىلىسى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسقا ئايلىنىپ، غەرب ئەللىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقان بىر مەزگىلدە ئۆتكۈزگەن بولىدىكەن.