رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، 12-ئۆكتەبىر كۈنى جۇ يۇڭكاڭ گۇرۇھىدىكى ئىككى نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارى ئايرىم-ئايرىم ھالدا سوتلانغان.
ئۇنىڭ بىرى خىتاي دۆلەتلىك نېفىت باش شىركىتىنىڭ دىرېكتورى جياڭ جېمېن بولۇپ، پارىخورلۇق ۋە ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىش بويىچە ئەيىبلىنىپ 16 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
يەنە بىرى سىچۈەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى لى چۈنچېڭ بولۇپ، ئۇ 13 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ 2 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارىنى ئەينى چاغدا جۇ يۇڭكاڭ ئۆستۈرۈپ يۇقىرى ئەمەلگە قويغانلار ئىكەن.
خىتاي سوتى جياڭ جېمېننىڭ 14 مىليون يۈەن، لى چۈنچېڭنىڭ 19 مىليون 800 مىڭ سوم پارا يېگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.