خىتايدا 11 كۈنلۈك شەھەر باشلىقى پارىخورلۇق سەۋەبىدىن ئەمىلىدىن قالدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016.11.01
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاي مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تورىنىڭ 31-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، لياۋنىڭ ئۆلكىسى تېلىڭ شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى، شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى جياڭ جۇ خىزمەتكە تەيىنلىنىپ 11 كۈندىن كېيىن، پارىخورلۇق قىلمىشى ئاشكارىلىنىپ خىزمىتىدىن قالدۇرۇلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، جياڭ جۇ ئىلگىرى دالىيەن شەھىرى جىنپۇ رايونى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن پارتكوم سېكرېتارى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن بولۇپ، بۇ يىل 10-ئاينىڭ بېشىدا تېلىڭ شەھىرىگە يۆتكىلىپ كەلگەن. 18-ئۆكتەبىر كۈنى ئۇنىڭ تېلىڭ شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى ۋە قوشۇمچە شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارلىق ۋەزىپىسىگە قويۇلغانلىقى ئېلان قىلىنغان.

11 كۈنلۈك شەھەر باشلىقىنىڭ پارىخورلۇق قىلمىشى سەۋەبلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، خىتاي تورداشلىرى ئارىسىدا مۇنازىرە قوزغىدى. بەزى تورداشلار پارىخورلۇقنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىدا تارىختىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئەنئەنە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرسە، يەنە بەزىلەر خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى بىر پارتىيىلىك ھاكىم مۇتلەقلىق ھۆكۈمەت تۈزۈمى ئىسلاھ قىلىنمىسا، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى چىرىكلىك ۋە پارىخورلۇقنىڭ يوقالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.