خىتاي ھۆكۈمىتى ئەرەب دۆلەتلىرى ۋەكىللىرىنى «شىنجاڭ تەشۋىقاتى» نى قىلىشقا چاقىردى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2024.03.28

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ۋە ئاقلاشقا دائىر تەشۋىقاتلىرىدا ئىسلام ئەللىرىنى نۇقتىلىق نىشان قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» دىن بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي 27-مارت كۈنى ئۈرۈمچىدە بىر قىسىم ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ «سىياسىي پارتىيەلەر كادىرلار تەكشۈرۈش ئۆمىكى» ۋەكىللىرىنى كۈتۈۋالغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئۆمەكتە ئىراق، ماۋرىتانىيە، ئىيوردانىيە، پەلەستىن، ماراكەش، تۇنىس، يەمەن قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن سىياسىي پارتىيە ۋەكىللىرى بار ئىكەن.

خەۋەردە ئېيتىشىچە، ما شىڭرۈي بۇ ۋەكىللەرگە شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ «شىنجاڭغا غەمخورلۇق قىلىشى بىلەن غايەت زور نەتىجىلەر قولغا كەلگەنلىكى، ئەمما ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىدىكى بىر قىسىم كۈچلەرنىڭ ئاق-قارىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ، مىللەت، دىن، كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق ساھەلەردە يالغان-ياۋىداق سۆزلەرنى تارقىتىپ، خىتاينىڭ تەرەققىياتىنى توسماقچى بولۇۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ما شىڭرۈي سۆزىنىڭ ئاخىرىدا «بۇ ئۆمەكتىكىلەرنىڭ زىيارەت ۋە ئېكسكۇرسىيەلىرى داۋامىدا شىنجاڭنىڭ ئەھۋالىنى چوقۇم تېخىمۇ ئەتراپلىق ۋە چوڭقۇر چۈشىنىپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە تىنچ-ئىناق، ھاياتىي كۈچكە تولغان گۈزەل شىنجاڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىشىنى قارشى ئالىمىز» دېگەن.

خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، بۇ قېتىم زىيارەتكە كەلگەن ئەرەب دۆلەتلىرى سىياسىي پارتىيەلەر ۋەكىللەر تەكشۈرۈش ئۆمىكى تەركىبىدىكى ئۆمەك باشلىقى، پەلەستىن فاتاخ ئىنقىلابىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى باسسام زاكارنى، سۈرىيەنىڭ سابىق مەمۇرىي تەرەققىيات ئىشلىرى دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى، سۈرىيە كوممۇنىستىك پارتىيەسى (باغداش تەرەپدارلىرى) سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى ئابدۇللا خېلىل، لىۋان سوتسىيال تەرەققىيپەرۋەرلەر پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھەبىبە ئوئېن، مىسىر كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى سەئىد ئابدۇللا زايىر، پەلەستىن خەلق كۈرەش فىرونتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ باش كاتىپى مۇھەممەت ئالۇش قاتارلىقلارمۇ تۇشمۇتۇشتىن سۆز قىلغان. ئۇلار سۆزلىرىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «شىنجاڭدا ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا مىسلىسىز ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى، ھەر مىللەت خەلقى بەختىيار ھايات ئىچىدە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ شىنجاڭ سىياسىتىنى باھانە قىلىپ خىتايغا قارا چاپلىشىنىڭ ئاساسى يوقلۇقىنى، ئۆزلىرىنىڭ چوقۇم شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى كەڭ تەشۋىق قىلىدىغانلىقىنى» بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى مەزگىللەردە ئۆزلىرىنىڭ خەلقئارالىق ئوبرازىنى تېخىمۇ ياخشىلاش ئۈچۈن «شىنجاڭ ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى ياخشى سۆزلەش» تەشۋىقاتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم. نۆۋەتتە بۇنىڭ بىر تۈرلۈك مەزمۇنى دەل مۇشۇ خىلدىكى ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن زىيارەتلەر بولۇۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭغا ئەرەب-ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ھەر ساھە كىشىلىرىنى قاتناشتۇرۇشى تەكلىپ قىلىش «ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان زۇلۇمنى يوشۇرۇش ئۇرۇنۇشى» دەپ قارالماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.