ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاي ئەسكەرلەر «ئۇرۇش مەشىقى» نى داۋام قىلماقتا
2021.08.10
«خىتاي خەۋەر تورى» نىڭ 10-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، تەڭرىتاغ ۋادىسىدا تۇرۇشلۇق خىتاي ھەربىي قىسىملىرى «3-نۆۋەتلىك ھەربىي تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى» نى باشلىغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۈچ يۈزدىن ئارتۇق ئەسكەر بۇ مۇسابىقىگە قاتناشقان بولۇپ قارىغا ئېلىش، مۇشتلىشىش ۋە باشقا تۈرلەر بويىچە ماھارەت كۆرسەتكەن. خەۋەردە بۇنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈپ «ئەسكەرلەر بۇ مۇسابىقە ئارقىلىق ھەقىقىي مەنىدىكى ‹جەڭ›نىڭ تەمىنى تېتىدى» دېيىلىدۇ.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە سۆز قىلىپ «خىتاي ئارمىيەسى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى ھەرقاچان دۈشمەن، دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ يوقىتىش ئوبيېكتى دەل مۇشۇ ‹دۈشمەن› دەپ قارىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار» دەيدۇ.
خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ تېخى يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى قوراللىق ساقچى باش ئەترىتى قارمىقىدىكى بىر ئەترەتكە «تېررورلۇققا قارشى زەربىدارلار ئەترىتى» دەپ نام بەرگەن ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى تەقدىرلىگەنىدى.
خىتاي مەتبۇئاتلىرى «شەمشەر ئەترەت» دەپ ئاتالغان ئالاھىدە ھەربىي قوشۇننىڭ بىر قېتىملىق ۋەقەدىلا 17 قورالسىز ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكى ۋە كۆپ ساندىكى ئادەمنى تۇتقۇن قىلغانلىقى، بىر ئوفىتسېرنىڭ بىر قېتىمدىلا 6 ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى «قەھرىمانلىق» دەپ خەۋەر تارتقاتنقانىدى.