مۇتەخەسسىسلەر: «خىتاينىڭ فانتانىلنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىش ۋەدىسىگە ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.08.30

ئامېرىكانىڭ دۆلەتلىك ئاممىۋى رادىيوسى (NPR) غا ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى فانتانىلنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىش ۋەدىسىنى يېڭىلاپ، فانتانىلنى كونترول قىلىش ھەققىدىكى يېڭى بەلگىلىمىنى 1-سېنتەبىردىن باشلاپ يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. لېكىن مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ فانتانىلنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىشنى ۋەدىسىگە ئېھتىياتچان بولۇش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.

خەۋەرگە ئاساسلانغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى فانتانىل ياساشتا ئىشلىتىلىدىغان خىمىيەلىك ماددىلارنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىدىكەن. فانتانىلنىڭ ئامېرىكادا ھەر يىلى ئونمىڭلىغان ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولىدىغانلىقى بىلىنمەكتە. شۇڭا، ئامېرىكا ۋە خىتاي مۇناسىۋىتىدە فانتانىلنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىش مۇھىم مۇزاكىرە تېمىسى بولماقتا.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، خىتايدىكى خىمىيەلىك ماددىلارنى ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرى مېكسىكا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى ۋە فانتانىل ۋە مېتافېتامىن قاتارلىق بىرىكمە دورا ئىشلەپچىقىرىدىغان باشقا جىنايەت شايكىلىرىنىڭ ئاساسلىق تەمىنلىگۈچىسىگە ئايلانغان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئېكسپورت قىلىۋاتقان فانتانىلنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئالدى بىلەن مېكسىكا پورتلىرىغا، ئاندىن ئامېرىكا شەھەرلىرىگە ئېلىپ كىرىلگەن.

ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جەيك سۇللىۋان پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: «بىز زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش ۋە قانۇنسىز بىرىكمە دورىلارنىڭ ئامېرىكاغا ئېقىشىنى توسۇشتا تېخىمۇ كۆپ ئىلگىرىلەشلەر ھەققىدە ئىزدىنىمىز» .

2023-يىلى زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىلگىرى، تەيۋەن مەسىلىسىدىكى دىپلوماتىك جىددىيلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى سەۋەبىدىن، خىتاي ئامېرىكا بىلەن زەھەرلىك چېكىملىككە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ھەمكارلىقنى توختاتقانىدى

ھالبۇكى، ئامېرىكانىڭ دۆلەتلىك ئاممىۋى رادىيوسى (NPR) نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان زەھەرلىك چېكىملىك سىياسىتى مۇتەخەسسىسلىرى خىتاينىڭ يېڭى فانتانىل بەلگىلىمىسىگە قارىتا گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاينىڭ بۇ بەلگىلىمىلەرنى ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىشىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.