ئامېرىكا خىتاينىڭ ھەربىي ھازىرلىقىنى كۈچىيىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇلدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2013.11.20

چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بىر مەسلىھەت گۇرۇپپىسى يىللىق دوكلاتىدا خىتاينىڭ جەنۇبىي تىنچ ئوكياندىكى ھەربىي ھازىرلىقى بارغانچە كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئامېرىكا دائىرىلىرىنى بۇ ھەقتە ئاگاھلاندۇردى.

ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك كۆزدىن كەچۈرۈش كومىتېتى خىتاينىڭ ئارمىيىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشى، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايوندىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ ئامېرىكىنىڭ ئورنىغا رىقابەت ئېلان قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي 2020-يىلىغا كەلگۈچە مەزكۇر رايوندا ئەڭ چوڭ سۇ ئاستى پاراخوتى فلوتى ۋە ئۇرۇش پاراخوتى ئەترىتى قۇرۇپ چىقىدىكەن.

مەزكۇر كومىتېت دوكلاتىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ پاراخوت تەتقىقات ۋە ياش ئىشلىرىغا كۆپلەپ مەبلەغ ئاجرىتىش ھەققىدە تەكلىپ بەردى.

ئۇلار يەنە ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ 60 پىرسەنت كۈچىنى 2020-يىلىغا قەدەر ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا مەركەزلەشتۈرۈش ھەققىدە تەكلىپ بەردى.

ئوباما ھۆكۈمىتى 2014-يىلدىن كېيىن ئامېرىكا ھەربىي كۈچىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا يۆتكەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ خىتاينىڭ كۈچلۈك ئېتىراز بىلدۈرۈشىگە ئۇچرىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.