خىتايدا HMPV ناملىق بىر خىل ۋىرۇس جىددىي تارقالغان ۋە دۇنيا سەھىيە ساھەسىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان
2025.01.06
2020-يىلى 1-ئايدا خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە پارتلاپ 2024-يىلىغا قەدەر دۇنيا مىقياسىدا 7 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كوۋىد-19 ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ ۋەھىمىسى ئەمدىلا بېسىققان بىر پەيتتە، خىتاينىڭ شىمالىدىكى رايونلاردا «مېتانېمو ۋىرۇسى» (Metapneumovirus, HMPV) ناملىق بىر خىل يۇقۇملۇق ۋىرۇس جىددىي تۈردە تارقالغان ھەم دۇنيا سەھىيە تارماقلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
«فوربېس» ژۇرنىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاممىۋى سەھىيە تارماقلىرى كىشىلەرنى بۇ ۋىرۇسنىڭ نەچچە 2001-يىلىدىن بېرى مەۋجۇت ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭغا قارىتا سوغۇققان بولۇشقا چاقىرسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ۋىرۇسنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىماقتا ئىكەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ 3-يانۋار كۈنى بۇ ۋىرۇس ھەققىدە توختىلىپ، «قىش پەسلىدە نەپەس يولى يۇقۇملىنىشنىڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
«مۇستەقىللىق» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ماۋ نېڭ يەنە «بۇ كېسەللىك ئۇنچىلىك ئېغىردەك قىلمايدۇ. بۇرۇنقى يىللارغا قارىغاندا، ئۇنىڭ تارقىلىشىمۇ كۆلەم جەھەتتىن كىچىك» دەپ كۆرسەتكەن، شۇنداقلا «خىتايغا ساياھەت قىلىشنىڭ بىخەتەر» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. لېكىن «ئېرۇسالىم پوچتىسى، BBC «مۇستەقىللىق» گېزىتى، «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» ژۇرنىلى قاتارلىق تاراتقۇلار، يېقىندىن بېرى خىتاينىڭ شىمالىدا بۇ ۋىرۇستىن يۇقۇملانغان بىمارلارنىڭ، بولۇپمۇ 14 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ جىددىي كۆپەيگەنلىكى، دوختۇرخانىلارنىڭ بىمارلار بىلەن لىق توشۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
«ئېرۇسالىم پوچتىسى» نىڭ قەيت قىلىشىچە، يۇقۇمنىڭ كۆپىيىشىگە قارىتا خىتاي ھۆكۈمىتى نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى، جۈملىدىن قەرەللىك كۆزىتىش، ماسكا تاقاش، ئارىلىق ساقلاش، ئاممىۋى سورۇنلارنى دېزىنفېكسىيە قىلىش تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما مەيلى خىتاي ھۆكۈمىتى بولسۇن، مەيلى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بولسۇن، HMPV ۋىرۇسى ھەققىدە تېخى ئاممىۋى سالامەتلىك جىددىي ھالىتى ئېلان قىلمىغان. خەۋەرلەردەHMVP ۋىرۇسىنىڭ يۆتىلىش، قىزىش، بۇرۇندىن سۇ ئېقىش، ماغدۇرسىزلىنىش، كۆكرەك ئاغرىش، نەپەس سىقىلىش، تىرە قىزىرىپ كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.
«ئېرۇسالىم پوچتىسى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇتەخەسسىسلەر بۇ ۋىرۇسنىڭ يېڭى يۇقۇم پەيدا قىلىش خەۋپى بولمىسىمۇ، ئەمما پۇقرالارنىڭ تازىلىق ئۆلچىمىگە ئەمەل قىلىشى، كېسەللىك ئالامىتى ئېغىر بولسا دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈشىنى تەۋسىيە قىلماقتا ئىكەن.