خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 29-ماي كۈنى ئامېرىكانىڭ «2020-يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» گە ئىنكاس بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش توغرىسىدىكى مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى «خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تىرىشچانلىقىنى قارلىغانلىق،» دەپ ئەيىبلىگەن.
مەزكۇر قانۇن لايىھەسى 27-ماي كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا 1 گە قارشى 413 ئاۋازنىڭ قوللىشى بىلەن ماقۇللىنىپ، پرېزىدېنت ترامپنىڭ ئىمزالىشىغا سۇنۇلغان ئىدى.
بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ماقۇللانغاندىن بېرى تۇنجى قېتىم ئۇنىڭغا ئىنكاس بىلدۈرۈشىدۇر. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن 29-ماي كۈنى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نى ئەيىبلەپ، بۇ قانۇن «خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تىرىشچانلىقىغا ئوچۇق-ئاشكارا قارا چاپلىغانلىق شۇنداقلا خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە ئارىلاشقانلىق،» دېگەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جاۋ لىجيەن يەنە ئامېرىكانىڭ «شىنجاڭ مەسىلىسىنى كوزىر قىلىپ، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىنى توختىتىشى» نى تەلەپ قىلغان. «2020-يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» دە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ 180 كۈن ئىچىدە دۆلەت مەجلىسىگە ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات سۇنۇشى، رايوندا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەڭو باشچىلىقىدىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارىتا جازالاش تەدبىرلىرىنى يۈرگۈزۈشى تەلەپ قىلىنغان.