خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى گو شېڭكۇن دۈشەنبە كۈنى خىتايدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا فېدارال تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جەمىس كومەي بىلەن كۆرۈشكەندە خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى ۋە تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. رويتىرىسنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، جەمىس كومەي ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بۇ جەھەتتىكى ھەمكارلىقتا ئەمەلىيەتچىل بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. خەۋەردە يەنە ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ ئىلگىرى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە خاككېرلار ۋە سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش مەسىلىسى ئۈستىدە سۆزلەشكەنلىكى، خىتاي تەرەپنىڭ بولسا يىللاردىن بېرى غەرب دۆلەتلىرىدىن تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقنى تەلەپ قىلىپ كەلگەنلىكى، ئەمما خىتاي تەرەپ تېررورلۇق دەپ ئەيىبلەۋاتقان ئۇيغۇر رايونىدىكى قارشلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە سىياسىي بېسىمدىن كېلىپ چىققانلىقى ئەسلىتىلگەن.
شىنخۇانىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، خىتاي تەرەپ ئامېرىكىدىن يەنە، چەتئەلگە قاچقان پارىخور ئەمەلدار ۋە ئۇلارنىڭ بايلىقىنى قايتۇرۇپ ئەكىلىش جەھەتتىمۇ زىچ ھەمكارلىشىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما خەۋەردە ئامېرىكا تەرەپنىڭ بۇ تەلەپكە قارىتا پوزىتسىيەسىنىڭ قانداق بولغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.