ئەركىنلىك سارىيى بۇ يىلقى ئىنتېرنېتقا ئائىت دوكلاتىدا خىتاينىڭ ئىنتېرنېت قاتتىق قامال قىلىنغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن، خىتاي بايانات ئېلان قىلىپ ئۆزىنى ئاقلىدى.
ئەركىنلىك سارىيى بۇ ھەپتە ئېلان قىلغان 2017-يىللىق دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى كونترول قىلىش ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتىدا خىتاينى دۇنيادا «ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئاياق-ئاستى قىلغۇچى» دۆلەت ئاتىغان ۋە ئۇنىڭ ئىنتېرنېت ئەركىنلىكنى كۆتۈرۈل قىلىش دەرىجىسىگە 87 نومۇر بەرگەن ئىدى.
خىتاي ئىنتېرنېت ئالاقىسىنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا ئۆزىنى ئاقلاپ، ئىنتېرنېت دۇنياسىنىڭ «تەرتىپلىك» بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر ئىدارىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى رېن شيەنلياڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ئۆتكەن «20 يىل جەريانىدا خىتايدا ئىنتېرنېتنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغانلىقى» نى پەش قىلغان بولسىمۇ، خىتايدا ئىنتېرنېتنىڭ كونترول قىلىنىدىغانلىقىنى تەن ئالدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز ئىنتېرنېتنى پۈتۈنلەي ئەركىن قىلىۋەتسەك بولمايدۇ. ئۇنىڭدا چوقۇم بىر تەرتىپ بولۇشى كېرەك.»
ئەركىنلىك سارىيى دوكلاتىدا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى 2016-يىلى «تور بىخەتەرلىكى قانۇنى» نى ماقۇللاپ ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى ھەسسىلەپ بوغقان بولسا، 2017-يىلىدىن باشلاپ مەۋھۇم خۇسۇسىي تور (VPN) نى چەكلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ئالدىنقى يىلىمۇ ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى ئىنتايىن ناچار دۆلەتلەر قاتارىغا تىزىلغان ئىدى.