خىتاي ھۆكۈمىتى «تاجسىمان ۋىرۇسىنى نۆلگە چۈشۈرۈش» ئۈچۈن بىرنەچچە چوڭ شەھەرنى ئارقىمۇ-ئارقىدىن قامالغا ئالغاندىن كېيىن نۆۋەتتىكى ئومىكرون ۋارىيانتى سەۋەبىدىن خىتايدىكى تەمىنات زەنجىرىنىڭ ئېغىر زەربىگە ئۇچراۋاتقانلىقى بارغانسېرى ئايدىڭلاشماقتىكەن.
«بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ 13-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي نوپۇسىنىڭ 87 پىرسەنتى ۋاكسىنا ئەملىگەن بولسىمۇ خىتايدا ئىشلەنگەن بۇ ۋاكسىنىلارنىڭ ئۈنۈمى بەكلا تۆۋەن بولماقتىكەن. يەنە بىر ياقتىن ئومىكرون ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشى ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋارىيانتتىن تېز بولغاچقا تېخىمۇ كۆپ شەھەرلەرنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە قامالغا ئېلىنىشى تەخمىن قىلىنماقتا ئىكەن. بولۇپمۇ دالىيەن، تيەنجىن، شېنجېن قاتارلىق شەھەرلەردە بۇ ۋارىيانت بايقالغاندىن بۇيان بۇ ئەندىشىلەر تېخىمۇ ئاشماقتا ئىكەن. بۇنىڭ بىۋاسىتە نەتىجىسى خىتايدىكى ئومۇمىي تەمىنات زەنجىرى ۋە ئىستېمال زەنجىرىگە ئېغىر زەربە بولىدىكەن. نۆۋەتتە «سامسۇڭ» (Samsung) ۋە «ئالما» شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىكى بىر قىسىم زاۋۇتلىرى بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقان «قامال» تەدبىرلىرى تۈپەيلىدىن تاقىلىپ قېلىشقا يۈزلەنمەكتىكەن.
«تويوتا» ۋە «ۋولكىسۋاگىن» شىركەتلىرىنىڭ تيەنجىندىكى زاۋۇتلىرى «يېرىم قامال» تەدبىرى تۈپەيلىدىن مال ئېكسپورت قىلىشنى توختاتقان. بۇ جەھەتتىن ئالغاندا 2022-يىلى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ۋىرۇس تۈپەيلىدىن چېكىنىشى ئالدىنقى يىلدىكىدىنمۇ ئېغىر بولىدىغانلىقى ئالغا سۈرۈلمەكتىكەن.
«بايلىق» ژۇرنىلىنىڭ 13-يانۋاردىكى ئوبزورىدا ئېيتىلىشىچە، خىتايدىكى قامال تەدبىرلىرى ھەرقايسى پورت شەھەرلىرىگە كېڭەيسە ئۇ ھالدا خىتاينىڭ ئېكىسپورتقا تايىنىپ قالغان ئىقتىسادى چېكىنىپلا قالماستىن، دۇنيا مىقياسىدىكى تەمىنات زەنجىرىمۇ ئېغىر زەربىگە ئۇچرىشى مۇمكىن ئىكەن.