خىتاي ئىقتىسادىنىڭ چۆكۈشى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشقان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.10.18

خىتاي ھۆكۈمىتى كۈنسېرى كاساتلىشىۋاتقان خىتاي ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئىقتىسادنى قۇتقۇزۇشنىڭ يېڭى تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلغان بىر پەيتتە، ئۇنىڭ 3-پەسىلدىكى ئىقتىسادى ئۈسۈش سۈرئىتى ئۆتكەن يىلنىڭ باشلىرىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشكەن.

خىتاي دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 18-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ سېنتەبىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە بولغان 3-پەسىللىك ئىقتىسادىي ئۆسۈش سۈرئىتى ئاران 4. 6 پىرسەنت بولۇپ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ئاز بولغان ھەمدە خىتاينىڭ ئۇنى 5 پىرسەنتكە يەتكۈزۈش پىلانىغا يەتمىگەن. لېكىن BBC نىڭ خەۋىرىدە، بۇنىڭ يەنىلا ئانالىزچىلارنىڭ كۈتكىنىدىن ئازراق ياخشى دەپ قارىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. ئەمما خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئېشىشىنى ئۆلچەش ئۆلچىمى بويىچە، بۇ ئۇنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئىككى پەسىلدە ئەسلى پىلاندىكى 5 پىرسەنتلىك ئۆسۈش سۈرئىتىدىن ئاستا بولۇشى ھېسابلىنىدىكەن.

خەۋەرلەردە، ئىقتىسادىي ئۆسۈش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قايغۇسىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. «خەلقئارا پۇل فوندى» خىتاي بۆلۈمىنىڭ سابىق دىرېكتورى ئاسۋارد پراساد BBC غا قىلغان سۆزىدە، «ھۆكۈمەتنىڭ بۇ يىللىق ئىقتىسادىي ئۆسۈش نىشانى جىددىي تەھدىت ئاستىدا قالغاندەك قىلىدۇ» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى تېخى ئۆتكەن ھەپتىدە ئىقتىسادنى قۇتقۇزۇشنىڭ بىر يۈرۈش تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلغانىدى.

BBC نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بەزى ئىقتىسادشۇناسلار خىتاينىڭ ئىقتىسادنى قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرى سەۋەبىدىن، ئۇنىڭ 4-پەسىللىك ئىقتىسادىي ئۆسۈش سۈرئىتىنىڭ پىلاندىكى 5 پىرسەنتكە يېتىشىگە ئۈمىدۋار قارىسىمۇ، «ئەمما بۇ دائىرىلەرنىڭ ئىقتىسادتىكى قۇرۇلما خاراكتېرلىك رىقابەتلەرنى ھەل قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ» دەپ قارىماقتا ئىكەن. ھالبۇكى، چەتئەلدىكى خىتاي ئانالىزچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادنى قۇتقۇزۇش پىلانىنىڭ پەقەت ھازىرقى ئىقتىسادىي كاساتچىلىقتىن قۇتۇلۇشتىكى ۋاقىتلىق چارە ئىكەنلىكىنى، كومپارتىيە ھاكىمىيىتىنىڭ تەۋرەپ قېلىشىدىن قورقۇپ ئۇنىڭ خىتاي ئىقتىسادىدىكى قۇرۇلما خاراكتېرلىك رىقابەتلەرنى تۈپتىن ھەل قىلىشىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.