خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىت گۆشى فېستىۋالىغا قارىشى 11 مىليۇن ئىمزا توپلاندى


خىتايدا يېقىندا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىت گۆشى فېستىۋالى باشلىنىشتىن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى بىر قىسىم ئۆكتىچىلەر ئىمزالىق مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى مەزكۇر بايرامنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا دەۋەت قىلغان.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھايۋاناتلارغا ئىنسانىي مۇئامىلە قىلىش تەشكىلاتى 11 مىليون ئىمزا توپلانغان مۇراجىئەتنامىنى خىتاينىڭ لوندوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا تاپشۇرغان.

گۇاڭشى جۇاڭ ئاپتونوم رايونىغا قاراشلىق يۈلىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىت گۆش فېستىۋالى 2010 - يىلىدىن بۇيان يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇ شۇندىن كېيىن دۇنياۋى نامايىشلارغا سەۋەب بولۇپ كەلگەن.

بايرام 21 - ئىيۇن باشلىنىدىغان بولۇپ، بۇ بايرامدا مىڭلىغان ئىتلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈپ، بازارغا سېلىنىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نۆۋەتلىك ئىمزا توپلاش ھەرىكىتىگە باش شتابى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى ھايۋاناتلارغا ئىنسانىي مۇئامىلە قىلىش تەشكىلاتى ۋە خىتايدىكى ھايۋانات ھوقۇقىنى قوغداش پائالىيەتچىلىرى يېتەكچىلىك قىلغان.

ھەتتا 24 نەپەر خىتاي پائالىيەتچى پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭ كوچىلىرىدا «مەن سېنىڭ تامىقىڭ ئەمەس» دېگەن خەتلەر يېزىلغان پلاكاتلارنى كۆتۈرۈشۈپ نامايىش قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدىمۇ بۇ ھەقتە بىر راي سىناش ئۆتكۈزگەن. «نيۇ - يورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ راي سىناشنى خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسىدىكى قانۇنشۇناس چاڭ جىۋېن ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوقۇغۇچىسى بىرلىكتە ئېلىپ بارغان. راي سىناش نەتىجىسى خىتاينىڭ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى توربېتىگە ئېلان قىلغان بولۇپ، راي سىناشقا قاتناشقان 64 پىرسەنت كىشى مەزكۇر فېستىۋالنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قوللىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ فېستىۋالغا دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان كىشىلەر، كۆپلىگەن دۆلەتلەردە ئەرمەك ھايۋان ھېسابلىنىدىغان ئىتلارنىڭ خىتايدا تاماق قاتارىدا ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە فېستىۋالىدىن بۇرۇنقى تەييارلىق جەريانىدا ئىتلارنىڭ خورلىنىشىنى بولمىغۇر قىلىق، دەپ قارايدىكەن.

مەزكۇر فېستىۋال ئۆتكەن يىلىمۇ خەلقئارالىق نامايىشلارغا دۇچ كەلگەن ئىدى.