«تېلېگراف» گېزىتى: «خىتاي ئېتنىك باستۇرۇشتا قازاقلارنى قانداق زورلىدى؟ »

ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «تېلېگراف» گېزىتى 6-يانۋار ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مىللەتلەرنى باستۇرۇشتا قازاقلارنى قانداق زورلىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

«تېلېگراف» گېزىتى «بىز بۇنى ئۆز قېرىنداشلىرىمىزغا قىلدۇق: خىتاي ئېتنىك باستۇرۇشتا قازاقلارنى قانداق زورلىدى؟ » ماۋزۇلۇق دوكلاتتا، ئىلگىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى چوڭ تۇتقۇنىغا قاتناشقان گۈلپىيە قازىبېك ئىسىملىك قازاق شاھىتنى زىيارەت قىلغان. ھازىر قازاقىستاندا بىخەتەر ياشاۋاتقان گۈلپىيە قازىبېك، ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان ئائىلىلەرنى تۇتقۇن قىلىشقا قانداق بۇيرۇلغانلىقى ۋە ئىككىنچى قېتىم ئۇچرىتىپ باقمىغان بۇ ئائىلىلەرنىڭ قەيەرگە ئېلىپ كېتىلىۋاتقانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇ تۇتقۇنلارنىڭ بەلبېغى، تۈگمە ۋە ئالتۇن-جابدۇقلىرىنىڭ ئائىلىسىگە قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ، دەپ يىغىۋېلىنىپ، ساقچى پونكىتىغا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى؛ بىر قېتىملىق تۇتقۇندا بېشىغا خالتا كىيدۈرۈلگەن تۇتقۇنلارنىڭ قولى زەنجىرلىنىپ، ئۈچ ئاپتوبۇستا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، «بۇلارنى كۆرۈپ يۈرىكىم بەك ئېچىشتى» دېگەن.

گۈلپىيە قازىبېك، خىتاي لاگېرلىرىدا ئوقۇتقۇچىلىق ياكى باشقا ۋەزىپىلەردە بولغان لاگېر شاھىتلىرىدىن قەلبىنۇر سىدىق، سايراگۈل ساۋۇتبايلاردىن كېيىن، بۇ سىستېمىدا خىزمەت قىلىپ، خىتاينىڭ قىلمىشلىرىغا ئاشكارا گۇۋاھلىق بەرگەن ئاز ساندىكى شاھىتلارنىڭ يەنە بىرىدۇر. ئۇ، بىر قېتىملىق تۇتقۇندا بىر مەھەللىدىكى ئون ئائىلىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى، لېكىن ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، قەيەرگە ئېلىپ كېتىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنى «ئۆلۈمگە كېتىپ بارامدۇ ياكى قايتا-تەربىيەلەشكە ئېلىپ ماڭدىمۇ ھېچكىم بىلمەيدىغانلىقى» نى بىلدۈرۈپ، «بۇنى بىزمۇ بىلمەيتتۇق» دېگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، «ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى ھېچكىمنىڭ قىلغۇسى كەلمىسىمۇ، بىراق باشقا چارىسى يوق» ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىزگە ئەڭ ئېغىر كەلگىنى بالىلارنىڭ يېتىم قېلىشى، ئاياللارنىڭ ئەرلىرىدىن ئايرىۋېتىلىشى بولدى» .

گۈلپىيە قازىبېكنىڭ «تېلېگراف» گېزىتىغا ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاخىرى ئۇنىڭ قازاقىستانغا چىقىشىغا يول قويغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى ھېچكىمگە ئېيتماسلىق شەرتى بىلەن قويۇپ بەرگەن ئىكەن.