ياۋروپادىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا خىتاي ئارمىيەسىگە باغلىق خىتاي تەتقىقاتچىلىرىنىڭ تەربىيەلەنگەنلىكى ۋە ھەمكارلاشما تەتقىقات ئېلىپ بارغانلىقى ئاشكارىلانغان
2022.05.19
يېقىندا «گېرمانىيە ئاۋازى» (DW) ۋە ئۇنىڭ باشقا ئاخبارات شېرىكلىرى ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ياۋروپادىكى بىر قانچە ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ تەتقىقاتچىلىرى خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى بىلەن قويۇق مۇناسىۋىتى بولغان ئىلمىي خادىملار بىلەن ھەمكارلاشقان.
مەزكۇر كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش خەۋىرىدە كۆرستىلىشىچە، ياۋروپادىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا بىلىم ئاشۇرغان، تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىگە بىۋاستە باغلىنىشلىق بولغان «خىتاي دۆلەت مۇداپىيە تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى» دىن كەلگەن بولۇپ، ئۇلار قايتقاندىن كېيىنمۇ مۇشۇ ئورۇندا خىزمەت قىلغان.
ئەينى چاغدا ياۋروپادىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا بۇ خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلىگەن پروفېسسولار ئۇلارنىڭ خىتاي ئارمىيەسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بىلمىگەن ياكى بىلسىمۇ دىققەت قىلمىغان. بۇ خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن ھەل قىلغۇچ ۋە دۆلەت مۇداپىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان يۇقىرى پەن-تېخنىكا تۈرلىرىدە بىلىم ئاشۇرغان ئىكەن. ھالبۇكى، «گېرمانىيە ئاۋازى» زىيارەت قىلغان بىر نەپەر گېرمانىيەلىك پروفېسسور ئەينى چاغدا ئۆزى يېتەكچىلىك قىلغان خىتاي تەتقىقاتچى ئىشلىگەن تەتقىقات تۈرىنىڭ ھەربىي ئىشلارغا چېتىلىدىغانلىقىدەك تەرىپىگە دىققەت قىلمىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.
بىرلەشمە تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، 2000-يىلىنىڭ بېشىدىن 2022-يىلى 2-ئايغىچە، ياۋروپا ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ۋە خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى بىلەن قويۇق مۇناسىۋىتى بار تەتقىقاتچىلار ئارىسىدا 3000 غا يېقىن ھەمكارلىق تۈرى يولغا قويۇلغان. بۇلار سۈنئىي ئەقىل، كومپيۇتېر تېخنىكاسى، يىراقتىن كۆرۈش ۋە سېزىش. شۇنداقلا كىۋانت تەتقىقاتى قاتارلىق سەزگۈر تېخنىكالىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
بۇ ھەقتە نەشر قىلىنغان ماقالىلەرنىڭ تەخمىنەن 2200 پارچىسىغا خىتاي دۆلەت مۇداپىيە تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى قاتناشقان. خىتاي دۆلەت مۇداپىيە تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن كەلگەن خىتاي تەتقىقاتچىلار بىلەن بىرلىكتە ماقالە ئېلان قىلغان ياۋروپا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئەنگىلىيە، گوللاندىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئىكەن. ئۇلار جەمئىي 230 پارچدىن ئارتۇق تەتقىقات ماقالىسىنى ھەمكارلىشىپ ئېلان قىلغان ئىكەن.
ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيە ۋە سىياسەت تەتقىقات ئىنىستىتۇتى (ASPI) نىڭ تەتقىقاتچىسى ئالېكىس جوسكې (Alex Joske) «گېرمانىيە ئاۋازى» غا قىلغان سۆزىدە: «خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ناھايىتى كۆپ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلىرى تەبىئىي پەن ۋە تېخنىكا ساھەسىدە بۇ ئۇنىۋېرسىتېتلاردا تەربىيەلەنگەن. ئۇلار ئاۋاز تېخنىكىسىدىن تارتىپ يادرو قوراللىرىغىچە بولغان بارلىق ھەربىي تەتقىقات تۈرلىرىدە ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ.»
ھالبۇكى بۇ يەردە مەسىلە بولغىنى شۇكى، بۇنداق تەتقىقاتلار ھەم پۇقراۋى ھەم ھەم ھەربىي ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىلمىي تەتقىقات ئەركىنلىكى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان گېرمانىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىدە بۇ خىل ھەمكارلىقنى چەكلەيدىغان رەسمىي بەلگىلىمە يوق ئىكەن.