ئەنگلىيەدىكى خىتاي جاسۇسى زور غۇلغۇلا قوزغىدى
2024.12.17
بىرىتانىيە رادىيو شىركىتى (BBC) نىڭ 17-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ يىل 50 ياشقا كىرگەن ياڭ تېڭبو ئىسىملىك خىتاي پۇقراسى «جاسۇسلۇق قىلمىشى» تۈپەيلىدىن ئەنگلىيە تەۋەسىگە كىرىشتىن چەكلەنگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 2002-يىلى ئەنگلىيەگە ئوقۇشقا كەلگەن بۇ خىتاي ئەنگلىيەدە ئارقىمۇئارقىدىن بەش شىركەتنى تىزىمغا ئالدۇرغان ھەمدە ئەنگلىيە جەمئىيىتىدىكى داڭلىق ئەربابلار بىلەن مۇناسىۋەت تورى قۇرۇپ چىققان. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىرىتانىيە خان جەمەتى ئەزالىرىدىن شاھزادە ئاندرېۋ، باش ۋەزىر دېيۋىد كامېرون (David Cameron)، تېرىسا مېي (Theresa May) قاتارلىقلارنىڭ ياڭ تېڭبو بىلەن چۈشكەن خاتىرە سۈرەتلىرى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان. ئەمما ئەنگلىيە ئىستىخبارات ئورگانلىرىدىن «بەشىنچى باشقارما» 2021-يىلىغا كەلگەندە ياڭ تېڭبونىڭ بىۋاسىتە ھالدا خىتاي مەركىزىي بىرلىكسەپ بۆلۈمى بىلەن قويۇق خىزمەت ئالاقىسى بارلىقىنى بايقىغان. مەركىزىي بىرلىكسەپ بۆلۈمى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللەرگە ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىش ۋە چېگرا ھالقىغان زۇلۇملارنى ئىجرا قىلىشتىكى باش ئورگىنى بولۇپ، خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ «قوماندانلىق شىتابى» دەپ قارىلىپ كەلمەكتە.
«قۇياش» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ياڭ تېڭبو ئەنگلىيە بىخەتەرلىك ئورگانلىرى بىلەن بولغان دەسلەپكى سۆھبەتلەردە ئۆزىنىڭ خىتاي تەۋەسىدىكى ھېچقانداق سىياسىي ئورگان بىلەن ئالاقىسىنىڭ يوقلۇقىنى، ئۆزىنىڭ كومپارتىيە ئەزاسىمۇ ئەمەسلىكىنى، خىتاي مەركىزىي بىرلىكسەپ بۆلۈمى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلۇقىنى، ئۆزىنىڭ پەقەت «خىتاي-ئەنگلىيە سودا مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچىيىشى ۋە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق رىشتىنىڭ مۇستەھكەملىنىشى» گە زېھىن قويغانلىقىنى دەپ تۇرۇۋالغان. ئەمما ئىچكى ئىشلار ۋازارىتى ياڭ تېڭبونىڭ «ئەنگلىيەدىكى داڭلىق شەخسلەر بىلەن خىتايدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەت تورى بەرپا قىلىش، شۇ ئارقىلىق ئەنگلىيەدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسىي مەنپەئەتىگە پايدىلىق ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش» قا ئۇرۇنغانلىقىنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بۇ ھەقتىكى گۇۋاھلىق يىغىنىدا ياڭ تېڭبو ئۆزىگە ئارتىلغان ئەيىبلەشلەرنى قەتئىي ئىنكار قىلغان بولسىمۇ «خىتاي دۆلەت ھاكىمىيىتى بىلەن بولغان چەكلىك ئالاقە جەريانىدا مەركىزىي بىرلىكسەپ بۆلۈمى بىلەن ئۇنداق ياكى مۇنداق شەكىلدىكى ئالاقىدە بولۇشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ» دېگەن.