پېتېر ناۋارو: خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىشىمىز كېرەك

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.04.27

ئاق ساراينىڭ ئىقتىسادى مەسلىھەتچىسى پېتېر ناۋارو، كورونا ۋىرۇسىنى دۇنياغا خىتاينىڭ تارقاتقانلىقى، ئۇنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكادىكى فوكۇس تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ 27-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، ئۇ خىتاينىڭ كورونا ۋىرۇسىنى 6 ھەپتە يوشۇرۇپ، بۇ جەرياندا باشقا دۆلەتلەرنىڭ ماسكا قاتارلىق تېببىي لاۋازىمات بۇيۇملىرىنى كەڭ كۆلەملىك سېتىۋېلىش ئارقىلىق بۇ دۆلەتلەرنىڭ تېببىي لاۋازىماتلىرىنى قۇرۇقداپ قويغانلىقى شۇنداقلا ۋىرۇسنى ئىتالىيەنىڭ مىلان، ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك قاتارلىق شەھەرلىرىگە تارقىتىپ، دۇنياۋى يۇقۇمنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پېتېر ناۋارو، :» ئۇلارنىڭ ۋىرۇسنى ۋۇخەندە كونترول قىلىپ تۇرالىشى مۇمكىن ئىدى، لېكىن ئۇنداق قىلمىدى. ئۇلار نەچچە يۈز مىڭ خىتاينى ئايروپىلاندا مىلان، نيۇ-يورك ۋە باشقا جايلارغا يوللاپ، ئۇنى دۇنياغا تارقاتتى «دېگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي بۇ 6 ھەپتىدە باشقا دۆلەتلەردىن 2 مىلياردتىن ئارتۇق ماسكا سېتىۋالغان. بۇ دۆلەتلەردىكى تېببىي قوغدىنىش لاۋازىماتلىرىنى قۇرۇقداپ قويۇپ، بۇ دۆلەتلەردىكى تېببىي خادىملارنى ئېھتىياجلىق قوغدىنىش بۇيۇملىرىدىن مەھرۇم قويغان.

نۆۋەتتە، ئامېرىكادا خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىش ھەققىدىكى سادالار كۈچەيمەكتە. ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى تام كاتتون خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىشنى كۈچلۈك تەشەببۇس قىلىۋاتقان سىياسىيونلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ فوكۇس قانىلىغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ خىتاي كوممۇنىست رەھبەرلىرىنىڭ كورونا ۋىرۇسىنى دۇنياغا بىلىپ تۇرۇپ مەقسەتلىك تارقاتقانلىقىغا ئىشىنىدىكەن. تام كاتتون، ئۇلارنىڭ ۋىرۇسنىڭ خىتاي بىلەنلا چەكلىنىپ، خىتاينىڭ نىسپىي كۈچى ۋە دۇنيادىكى ئورنىنى ئاجىزلاشتۇرۇشىنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.