ئاتلانتىك ژۇرنىلى: «خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى قەبىھلىك جىنايىتى تېخىمۇ زۇلمەتلىك باسقۇچقا كىردى»
2024.11.27
ئامېرىكادىكى «ئاتلانتىك كېڭىشى» ئاقىللار ئامبىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەرزىيەت پىروگراممىسىنىڭ قانۇن ۋە سىياسىي مەسلىھەتچىسى، ئادۋوكات رەيھان ئەسئەت «ئاتلانتىك» تور ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قەبىھلىك جىنايىتى تېخىمۇ زۇلمەتلىك بىر باسقۇچقا كىرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
رەيھان ئەسئەتنىڭ قەيت قىلىشىچە، رايوندىن كېلىۋاتقان خەۋەرلەر كىشىنى چۈچۈتىدىغان بولۇپ، «بۇ ۋەزىيەت خەلقئارانىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىشى ھەم ھەرىكەت قوللىنىشىنى تەقەززا قىلماقتا» ئىكەن. ئۇ «خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى قەبىھلىك جىنايىتى تېخىمۇ زۇلمەتلىك باسقۇچقا كىردى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە مۇنداق دەيدۇ: «بۈگۈن، خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش سىياسىتى توققۇز يىلغا يېقىنلاشقاندىن كېيىن، بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قەبىھلىكى تېخىمۇ زۇلمەتلىك باسقۇچقا كىردى. خىتاي ئۆزىنىڭ ئىستىبداتلىق جازالاش سىستېمىسىنى ئىشلىتىپ، كىشىلەرنى قاماشنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە. خىتاينىڭ ھۆكۈمەت سانلىق مەلۇماتلىرىدىن ئۇنىڭ 2022-يىلغىچە ئاز دېگەندە يېرىم مىليون ئۇيغۇرنى قاماقتا ھۆكۈم قىلغانلىقى مەلۇم بولماقتا.»
رەيھان ئەسئەتنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر نوپۇسى خىتاي ئومۇمى نوپۇسىنىڭ بىر پىرسەنتىنى تەشكىل قىلمىسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار خىتايدا قاماقتىكى مەھبۇسلارنىڭ 34 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىپ، دۇنيا بويىچە قاماقتىكى مەھبۇسلىرى ئەڭ كۆپ مىللەت بولۇپ قالغان. رەيھان ئەسئەت، بۇ ۋەزىيەتتە ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار تەۋسىيەلەرنى ئىجرا قىلىش، خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «قەبىھلىك ئىزچىل داۋاملىشىۋەرسە، دۇنيا بۇنى ئۆزگەرتىشكە ئاجىزدەك ھېس قىلىدىغان بىر پاجىئەگە ئايلىنىپ قالىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا سادىر قىلغان جىنايىتى پەقەتلا بىر تىراگېدىيەلىك پاكىت ئەمەس، بەلكى بۇ مەقسەتلىك ئېلىپ بېرىلغان ئېتنىك تازىلاش، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر. دۇنيا بۇنىڭغا پاسسىپ مۇئامىلە قىلسا بولمايدۇ. ھەممىدىن مۇھىمى، ب د ت نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەۋسىيەلەرگە ئەمەل قىلىش ۋە (خىتاينى) جاۋابكارلىققا تارتىشنى تەلەپ قىلىش مەجبۇرىيىتى بار.»
رەيھان ئەسئەتنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇ يېقىندا ۋەزىپىگە ئولتۇرىدىغان ئامېرىكا يېڭى ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى تەقدىرىنى خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىيەسىنىڭ مەركىزىگە قويۇشى ئۈمىد قىلىدىكەن.