ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن خىتاي كارخانىچىنىڭ پايچېكى قاتتىق چۈشۈپ كەتتى

27‏-يانۋار خوڭكوڭدا ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن كانادالىق خىتاي كارخانىچى شياۋ جيەنخۇانىڭ كونتروللۇقىدىكى بەزى شىركەتلەرنىڭ پايچېكى قاتتىق چۈشۈپ كەتكەن.

ئۇنىڭ خوڭكوڭدىكى باش شىركىتى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، شىركەتنىڭ تىجارىتى نورمال كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ پايچېكىنىڭ داۋاملىق چۈشۈپ كېتىشىنى توسۇپ قالالمىغان. رويتېرسنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىشىچە، شياۋ جيەنخۇا كونترول قىلىپ تۇرغان ئىچكى موڭغولدىكى ئىككى شىركەتنىڭ پاي چېكى جۈمە كۈنى 10% چۈشۈپ كەتكەن. شياۋ جيەنخۇنىڭ ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىشى خوڭكوڭدا زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.

خوڭكوڭ ساقچىلىرىنىڭ رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 27‏-يانۋار خىتايغا كىرىپ كەتكەن. ساقچىلار رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، خىتاي دائىرىلىرىدىن ئۇنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شياۋ جيەنخۇ 27‏-يانۋار غايىب بولۇپ 2‏-كۈنى خوڭكوڭ گېزىتلىرىدە ئۇنىڭ قىسقا باياناتى ئېلان قىلىنغان. ئۇ باياناتىدا، ئۆزىنىڭ داۋالىنىش ئۈچۈن سىرتقا چىقىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لۇ كاڭ جۈمە كۈنى بۇ ۋەقەگە پىكىر بايان قىلىشنى رەت قىلغان. كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى، كانادانىڭ يەرلىك دائىرىلەر بىلەن ئالاقىلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 1997‏-يىلى خوڭكوڭنى ئۆتكۈزۈۋالغاندا، ئۇنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىققا، ئەدلىيە مۇستەقىللىقىغا ھۆرمەت قىلىشقا ۋەدە بەرگەن. بىراق،خىتاي ئامانلىق ئورگانلىرىنىڭ يېقىندىن بېرى خوڭكوڭغا كىرىپ، ئۆكتىچىلەرنى مەخپىي تۇتۇپ چىقىپ كېتىشى خوڭكوڭ پۇقرالىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان ئىدى.