خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقىرى تەمىنات بىلەن خىتاي كۈچمەنلىرىنى ئۇيغۇر رايونىغا ئورۇنلاشتۇرماقتا

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.06.08

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي كۆچمەن دېھقانلىرىنى ئۇيغۇر رايونىغا تېرىلغۇ يەر، تۇرالغۇ ئۆي، ئىجتىمائىي سالامەتلىك سۇغۇرتىسى، مائارىپ قاتارلىق جەھەتلەردە زور ئىمتىيازلارنى بېرىپ يۆتكەۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

خىتاي سىنا تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر رەسىملىك خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» 2017‏-يىلى 2‏-ئايدىن باشلاپ ئۇنىڭ ھەر قايسى دىۋىزىيە، پولكلىرىغا ئىچكىرىدىن خىتاي دېھقانلىرىنى قوبۇل قىلىش پروگراممىسىنى يولغا قويغان.

مەزكۇر پروگرامما نىشانلىق ھالدا گەنسۇنىڭ نامرات رايونلىرىدىكى خىتاي دېھقانلىرىنى يۆتكەشكە قارىتىلغان بولۇپ، خىتاي دېھقانلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا «پىلانلىق، تەشكىللىك ۋە كۆلەملىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىۋاتقانلىقى» بىلدۈرۈلگەن.

ھالبۇكى مەزكۇر پروگرامما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» دېگەن نامدا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەپ «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىۋاتقان» مەزگىلدە يولغا قويۇلغان. خىتاينىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» پروگراممىسى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. ئۇلار خىتاي ئاھالىلىرىنى ئۇيغۇر رايونىغا كۆچۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنى ئىچكىرىگە يۆتكەشنىڭ غەرەزلىك سىياسىي پىلان ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى.

سىنا تورىنىڭ خەۋىرىدە بۇ يىل 8‏-ئاپرىل كۈنى ئۇيغۇر رايونىنىڭ تۇمشۇق شەھىرىدىكى بىڭتۇەن 50‏-پولكىغا كېلىپ ئورۇنلاشقان بىر خىتاي دېھقان ئائىلىسىنىڭ ھەقسىز 70 مۆ تېرىلغۇ يەر، يېڭى سېلىنغان قورو- جايغا ئېرىشكەنلىكى، ئۇنىڭغا يەنە زۆرۈر ئائىلە جاھازلىرى ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ ھەقسىز تولۇقلاپ بېرىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خىتاي دېھقانلىرىغا بېرىلگەن تېرىلغۇ يەرنىڭ يېڭى ئېچىلغان بوز يەرلىكى ياكى يەرلىكنىڭ تېرىلغۇ زېمىنى ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەس. دائىرىلەر يېقىندا ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدا تېرىلغۇ يەرلەرنى قايتا ئېنىقلاپ، بىر قانچە مىليون مودىن ئارتۇق تېرىلغۇ يەرنى ئايتۇرىۋاتلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.