دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كەلگەن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 3-ئومۇمى يىغىنى بېيجىڭدا باشلانغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.07.15

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ نەچچە ئايلاردىن بېرى كېچىكتۈرۈلۈپ كېلىۋاتقان 20- نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىنى 15-ئىيۇل بېيجىڭدا باشلانغان. يىغىن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسىتىدە قانداق ئۆزگىرىش ياسايدىغانلىقى دۇنيانىڭ دىققەت نۇقتىسى بولماقتا. بۇ قېتىملىق يىغىن خىتاي ئىقتىسادى كاساتلىشىپ، ئىشسىزلىق كۈنسېرى ئېشىۋاتقان، خىتاينىڭ غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى كەسكىنلىشىپ، ئۇنىڭغا قارىتا ئىقتىسادىي جازا كېڭىيىۋاتقان، بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى جاۋابكارلىققا تارتىش چۇقانلىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە چاقىرىلغان. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى  ئىسلاھات ، شى جىنپىڭنىڭ خىتاينى يېڭى بىر يۆلىنىشكە ئېلىپ مېڭىپ، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئۆسۈش سۈرئىتىنى قايتا تېزلىتىشىدىكى «سىرلىق قورالى» دەپ چۇقان سېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئانالىزچىلار خىتايدا «ھەقىقىي ئۆزگىرىش» نىڭ بولۇشىغا گۇمان بىلەن قارىماقتا.

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ زۇۋانى بولغان «خەلق گېزىتى» 15-ئىيۇل ئېلان قىلغان تەھرىرات ماقالىسىدە، «ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى ۋە يېڭى بىر سەھىپە ئېچىلىدىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن. ماقالىدا، «بۇ سىرلىق قورال بىلەن خىتاي ئىقتىسادى ۋە جەمئىيىتىنىڭ غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكى» تەكىتلەنگەن. لېكىن رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئوبزورچى ۋە ئانالىزچىلار بۇ يىغىندا چوڭ ئىسلاھاتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنىڭ ناتايىن ئىكەنلىكى، دائىرىلەرنىڭ ئىستېمال بېجىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق نەق پۇل قىيىنچىلىقىغا دۇچ كېلىۋاتقان يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا مەركەزلىشىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرمەكتە ئىكەن. بەزى ئانالىزچىلار، باج ئىسلاھاتى بېيجىڭ جىڭشى مېھمانخانىسىدا 18-ئىيۇلغىچە داۋاملىشىدىغان بۇ قېتىملىق يېپىق يىغىندىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. بەزى ئانالىزچىلارنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ شى جىنپىڭنى دېڭ شاۋپىڭغا ئوخشاش ئىسلاھاتچى قىلىپ كۆرسىتىشتەك چۇقانلار، خىتايدا ھەممە يەرنى ئۈمىدسىزلىك قاپلىغان بىر پەيتتە ئوتتۇرىغا چىقماقتىكەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بېيجىڭدا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئالغانلىقى، يىغىن ئېچىلىۋاتقان جىڭشى مېھمانخانىسى جايلاشقان ئورۇننى ئالاھىدە «ھەربىي رايون» دەپ بېكىتىلگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.