ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو خىتاينىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى كونسۇلخانىسىنىڭ چوڭ جاسۇسلۇق ئۇۋىسى ئىكەنلىكى، نيۇ-يورك ساقچى ئىدارىسىنىڭ خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىپ قولغا ئەلىنغان تىبەت ساقچىسىدىن كېيىن، تېخىمۇ كۆپ جاسۇسلارنى قولغا ئېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. مايك پومپېيونىڭ 24-سېنتەبىر «نيۇ-يورك پوچتىسى» گېزىتىگە بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ترامپ ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى دىپلوماتلىرىنى يېقىندىن كۆزەتمەكتە ئىكەن.
پومپېيو خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ ھەركىتى «نورمال دىپلوماتىيە چېگراسىدىن ھالقىپ، جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىگە ئوخشاپ قالغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە «ئېسىڭڭىزدە بولسۇنكى، بىزنىڭ بۇ يەردە خىتاي كونسۇلخانىلىرىدىن باشقا بدت ئورگانلىرى بار» دېگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ نيۇ-يورك شەھرىدە كونسۇلخانىسى بولۇپلا قالماي، بدت دىمۇ نۇرغۇن دىپلوماتى بار ئىكەن. پومپېيو بۇ سۆزلەرنى نيۇ-يورك ساقچى ئىدارىسىنىڭ بەيما داجيې ئاڭۋاڭ ئىسىملىك بىر تىبەت ساقچىسى قولغا ئېلىنىپ بىر قانچە كۈندىن كېيىن قىلغان.
بەيما داجيې ئاڭۋاڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «جاسۇسكلۇق خادىمى» دەپ قولغا ئېلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكادىن سىياسىي پاناھلىق تىلەپ ئامېرىكا پۇقرالىقىغا ئۆتكەن بەيما داجيې ئاڭۋاڭ 2018-يىلدىن بېرى خىتاينىڭ نيۇ-يورك كونسۇلخانىسىدىكى نامەلۇم شەخسلەرگە ئىشلەپ، ئۇلارنى ئامېرىكادىكى تىبەت مۇستەقىللىقىنى قوللىغۇچىلارنىڭ ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن. مايك پومپېيو «نيۇ-يورك پوچتىسى» گېزىتىگە بۇنىڭ بۇ دېلو بىلەن چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقى، ئۆزىنىڭ بۇنداق دېلولار تېخىمۇ كۆپ كۆرۈلىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.