خىتايدا چەت ئەل مەبلىغىنىڭ ئېقىپ كېتىشى رېكورت ياراتماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2024.12.17

«بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ 17-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يىللاردىن بۇيان خىتايغا مەبلەغ قىلىپ سېلىنغان چەت ئەل كاپىتالىنىڭ خىتايدىن ئېقىپ چىقىپ كېتىشى نويابىردا تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتقان. خىتاي بانكىلىرى ئۆتكەن بىر ئاي ئىچىدە 45 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن كۆپرەك كاپىتالنى خېرىدارلارنىڭ تەلىپى بويىچە ئۇلارنىڭ خىتاي سىرتىدىكى بانكا ھېساباتلىرىغا يۆتكەپ بەرگەن. بۇ سان ئۆكتەبىر ئېيىدا 25 مىليارد دوللار بولغان ئىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، چەت ئەل مەبلىغىنىڭ بۇنداق زور كۆلەمدە خىتايدىن ئېقىپ كېتىشىدە يېڭى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ خىتايدىن كېلىدىغان تاۋارلارغا 60 پىرسەنت تاموژنا بېجى قويماقچى بولۇشى ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان ئامىل ھېسابلىنىدىكەن. مىزۇخو بانكىسىدىكى ئاسىيا ئىقتىسادى مۇتەخەسسىسى كېن چوڭ (Ken Cheung) بۇ ھەقتە توختىلىپ، «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تاموژنا بېجى قويماقچى بولۇشى ۋە ئۆسۈم نىسبىتىدىكى پەرقلەر بۇ خىل يۈزلىنىشكە ئوت ياقتى. دوللارنىڭ ئارتۇقچىلىقى بولسا بۇنىڭدىكى يەنە بىر سەۋەب» دېگەن.

مەبلەغ سالغۇچىلار ئەڭ كۆپ مەسلىھەت ئالىدىغان «فىنىمايىز» (Finimize) تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ئايرىۋاشلاش قىممىتى داۋاملىق تۆۋەنلەۋاتقان بولۇپ، بۇ ھال يەنە بىر ياقتىن خىتاي ئىقتىسادىدىكى چۆكۈشنىڭ ئەڭ جانلىق ئىسپاتى ھېسابلىنىدىكەن. خىتايدىكى پاي چېكى بازىرىنىڭ تۆۋەنلىشى، خەلق پۇلىنىڭ كۇرسى چۈشۈشى، چەت ئەل مەبلىغىنىڭ ئېقىپ كېتىشى دېگەنلەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ كارغا كەلمەيۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭدەك خىتايدىكى تۆۋەن ئىستېمالدا كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىشنىڭ بولمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارالماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.