ئاۋسترالىيە ئەقىل ئامبىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە چەت ئەل تەشۋىقاتچىلىرىدىن قانداق پايدىلانغانلىقىنى ئاشكارىلىدى

ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنىستىتۇتى 14-دېكابىر يەنە دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ دۆلەت ئ‍ىچى-سىرتىدا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى مەيدانىغا ماس كېلىدىغان پىكىرلەرنى شەكىللاندۈرۈش ھەم ئالغا سۈرۈشتە چەت ئەل ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئاكتىپلىرىدىن قانداق پايدىغانلىقىنى ئاشكارلىغان. دوكلاتتا، خىتاي دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ تور ئ‍اكتىپلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا شىنجاڭغا ئائىت مەزمۇنلارنى تارقىتىشى، خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدىكى بايانلىرىنى قوللايدىغان مەزمۇنلارنى يورۇتۇشىنى قوللاپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

«ئېغىزنى ئارىيەتكە ئېلىپ شىنجاڭ توغرىسىدا سۆزلەش» ناملىق بۇ دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، ئ‍ىجتىمائىي تاراتقۇدىكى مەزمۇنلار غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە، ئىلمىي تەتقىقات ۋە چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەنقىدلىرىگە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى كەڭ كۆلەملىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى پىكىرلەرنى مەزمۇن قىلغان ئىكەن. دوكلاتتا بۇ مەزمۇنلارنىڭ ھەمىشە خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرىدا، ئۇنىڭ چوڭ خەلقئارا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ھېسابى ھەم خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات يىغىنلىرىدا تارقىتىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، 2020-يىلى 1-ئايدىن 2021-يىلى 8-ئايغىچە، ئامېرىكادىكى ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا خىتاي كونتروللۇقىدىكى 156 ھېساب نومۇرى ئاز دېگەندە 546 فېيسبۇك، تۋىتتېر يازمىسى، شۇنداقلا خىتاي يەر شارى تېلېۋىزىيە تورى، «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى»، شىنخۇا ئاگېنتلىقى ۋە «خىتاي گېزىتى» تورىدىكى ئۇيغۇر ئېلىغا ئائىت مەزمۇنلارنى 13 تور ئاكتىپىنىڭ ھېسابى ئارقىلىق ھەمبەھىرلىگەن بولۇپ، بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ 50 پىرسەنتتىن كۆپرەكى فېيسبۇكتا يۈز بەرگەن. 44 بەتلىك بۇ دوكلاتنى ئاۋسترالىيە ئىستىراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنىستىتۇتىنىڭ «خەلقئارا تور سىياسىتى مەركىزى» تەييارلىغان.