ئۆتكەن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ بىر قىسىم شەھەرلىرىدە «ھاۋا ھۇجۇمىدىن مۇداپىئە كۆرۈش مانېۋىرى» سىناق قىلىنىۋاتقانىدى. 14-سېنتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت 18-سېنتەبىر كۈنى پۈتۈن رايون تەۋەسىدە بىرلا ۋاقىتتا ھاۋا ھۇجۇمى ھەققىدىكى سىگنالغا ئىنكاس قايتۇرۇش مانېۋىرى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقاتقان.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 18-سېنتەبىر چۈش سائەت 12 دە ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ مانېۋىر ئۈرۈمچىدىن خوتەنگىچە بولغان بارلىق ئاساسلىق شەھەرلەردە تەڭلا ئۆتكۈزۈلىدىكەن. شۇنداقلا كىشىلەرنى بۇنىڭدىن تەشۋىشلەنمەسلىككە، نورمال تۇرمۇش ۋە خىزمەتنى داۋام قىلدۇرۇشقا ئالاھىدە جېكىلىگەن.
ئەمما مۇھاجىرەتتىكى ئانالىزچىلار بۇنىڭدا ھەر خىل ئېھتىماللىقنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تەكىتلىدى. ئامېرىكادىكى مۇستەقىل ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا «سوۋېت ئىتتىپاقى ھۇجۇم قىلىدۇ» دېگەن ئەندىشىدە كىشىلەرنى لەخمە كولاش ۋە لەخمىلەردە ھاۋا ھۇجۇمىدىن مۇداپىئەلىنىشكە تەشكىللىگەنلىكىنى ئەسلىتىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ دۈشمەنلىرى بەك كۆپ ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلگەچكە ھەرقاچان مۇشۇ خىلدىكى مانېۋىرلارغا موھتاج بولۇپ كەلمەكتە» دېدى.