پرېزىدېنت دونالد ترامپ: «خىتاي نەق مەيداندا تۇتۇلۇپ قالدى»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017.12.29

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئالدىنقى كۈنى تۋىتتېردا خىتاينى تەنقىدلەپ، ئۇنىڭ شىمالىي كورېيەگە نېفىت توشۇپ، «نەق مەيداندا تۇتۇپ قالغانلىقى» نى بىلدۈردى.

ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى جەنۇبىي كورېيەنىڭ «چوسۇن ئىلبو» گېزىتى ئامېرىكا سۈنئىي ھەمرالىرىنىڭ بوخەي دېڭىزىدا خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ شىمالىي كورېيە پاراخوتلىرىغا نېفىت يۆتكەۋاتقانلىقىنى بايقىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. خەۋەردە بۇ ئەھۋالنىڭ ئۆكتەبىردىن بېرى 30 قېتىمدەك يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر «فوكۇس خەۋەرلەر قانىلى» قاتارلىق ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى. پرېزىدېنت ترامپ ئالدىنقى كۈنى تۋىتتېردا ئېلان قىلغان باياناتىدا «خىتاينىڭ نەق مەيداندا تۇتۇلۇپ قالغانلىقى» نى ئەسكەرتىپ، «خىتاينىڭ شىمالىي كورىيەنى نېفىت بىلەن تەمىنلىگەنلىكىدىن ئىنتايىن ئۈمىدسىزلەندىم،» دېگەن. ئۇ يەنە «ئەگەر بۇ مۇشۇنداق داۋاملاشسا، شىمالىي كورېيە مەسىلىسىنىڭ ھېچقاچان دوستانە ھەل قىلىش چارىسى بولمايدۇ،» دەپ تەكىتلىگەن.

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىلگىرى شىمالىي كورېيەنىڭ نېفىت ئىمپورتىغا چەكلىمە قويۇپ، ئۇنىڭ چەكلىك مىقداردا نېفىت ئىمپورت قىلىشىغا يول قويغان. ئەمما ئۇنىڭ دېڭىزدا نېفىت ئالماشتۇرۇشىنى چەكلىگەن ئىدى. لېكىن بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئېمبارگو قارارىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى رەت قىلغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ بۈگۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خىتاينىڭ ئېمبارگو قارارلىرىنى «ئومۇميۈزلۈك ۋە قاتتىق» ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ، بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنىڭ «پاكىتقا ئۇيغۇن ئەمەس» لىكى، ئالاقىدار پاراخوتلارنىڭ بۇ مەزگىلدە خىتاي پورتىغا كىرگەنلىكى ياكى چىققانلىقىغا دائىر ھېچقانداق خاتىرە يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئەمەلدارى، «خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە دۆلەتنىڭ شىركەتلىرىگە تەۋە بەزى پاراخوتلارنىڭ بۇ خىل تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىغا دائىر دەللىلىرىمىز بار،» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.