خىتاي تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش نىشانىدىن ۋاز كەچتى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ 40 يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش نىشانى بەلگىلەشتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ 22-ماي كۈنى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەملىكەتلىك يىغىنىدا دوكلات بېرىپ، 2020-يىلى ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ ئېشىش نىشانىنى بەلگىلىمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان. «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئىقتىسادى ۋۇخەندە پارتلىغان كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ بېسىمىدا بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى چارىكىدە 6.8% تۆۋەنلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىللىق ئىقتىسادىي ئېشىش نىسبىتىنى بەلگىلىمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا ھەربىي خام چوتىنى 6.6 %, بىخەتەرلىك خام چوتىنى 5.6 % كۆپەيتكەن. بۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ بۇ يىللىق ھەربىي خام چوتى بىر تىرىليون 260 مىليارد يۈەنگە چىققان. لى كېچياڭنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى، سودا-ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشى، ئىشسىزلىق قاتارلىق ئامىللار سەۋەبلىك بىر تىرىليون يۈەنلىك ئالاھىدە زايوم تارقىتىدىكەن.

ئۇ دوكلاتىدا، «بىز يەر شارى خاراكتېرلىك يۇقۇم، سودا-ئىقتىساتتىكى زور ئېنىقسىزلىق تۈپەيلى كونكرېت(ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قىممىتى) نىشانىنى بېكىتمىدۇق. خىتاينىڭ تەرەققىياتى مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماقتا» دېگەن. خىتاينىڭ بۇ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى خىتاي ۋۇخەندە پارتلىغان كورونا ۋىرۇسىنى «دۇنياغا تارقىتىپ»، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى، نۇرغۇن ئىنساننىڭ ئۆلۈشىگە كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان، ئۇنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە تۆلەم تۆلىشى تەلەپ قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلگەنىدى.