خىتايدا 13 مىليون كىشى نوپۇسقا ئېلىنىدۇ
2015.11.25
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي مىقياسى بويىچە نوپۇس رەسمىيىتى بولمىغان 13 مىليون كىشىنى نوپۇسقا ئېلىش خىزمىتىنى باشلىغان.
بۇ ئاساسلىق خىتايدا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان نوپۇسقا ئېلىنماي قېلىپ قالغانلارنى نوپۇسقا ئېلىشنى نىشان قىلغان ئىكەن. بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇش جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى تورىدا شەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، خىتايدىكى خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى ئۇنى كېچىكىپ خەۋەر قىلغان.
خىتايدا قانۇنغا ئاساسەن تۇغۇلغان ھەر بىر بالىنى ئەنگە ئالدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. بىراق نۇرغۇن يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ پىلاندىن سىرت تۇغۇلغان بالىنىڭ ئەنگە ئېلىش قەغىزىنى ئۇ ئائىلە جەرىمانە تۆلىمىگۈچە تۇتۇپ قېلىش ھوقۇقى بار. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىملىق نوپۇسقا ئېلىش خىزمىتىدە پىلاندىن سىرت بالا كۆرگەنلەرگە قويۇلغان جەرىمانىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىدىغان-قىلىنمايدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.
ئۇيغۇر ئېلى خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئەڭ قاتتىق ئىجرا قىلىنغان ئورۇنلارنىڭ بىرى. بۇ قېتىملىق نوپۇسقا ئېلىش خىزمىتىدە نوپۇسسىز قالغان قانچىلىك ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ نوپۇسقا ئېلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر يوق.