خىتايدا كەلگۈسى ئون يىلدا 50 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇس كېمىيىشى مۇمكىن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2024.11.21

«خەۋەر ھەپتىلىكى» ژۇرنىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدا كەلگۈسى ئون يىلدا 50 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسنىڭ كېمىيىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتىكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ پەرەز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى ئاساسىدا تەھلىل قىلىپ چىقىلغان بولۇپ، تەتقىقاتچىلار 2025-يىلغا بارغاندا خىتاي نوپۇسىنىڭ 2021-يىلدىكى ئەڭ يۇقىرى سان بولغان 1 مىليارد 410 مىليوندىن 1 مىليارد 360 مىليونغا چۈشۈپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە 2016-يىلى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان داۋام قىلغان بىر پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان ۋە 2021-يىلىدىن باشلاپ كۆپ پەرزەنتلىك بولۇشنى كۈچەپ تەشەببۇس قىلغان بولسىمۇ، بىراق بۇ تىرىشچانلىقلار خىتايدىكى تۇغۇلۇش نىسبىتىدىكى تۆۋەنلەش ھالىتىنى ئۆزگەرتەلمىگەن. 2023-يىلدىكى رەسمىي سانلىق مەلۇماتلاردا خىتايدىكى تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ ئۇدا يەتتە يىل تۆۋەنلىگەنلىكى، ئۇدا ئىككى يىل قازا قىلغانلارنىڭ نىسبىتىنىڭ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىن كۆپ بولغانلىقى ئاشكارىلانغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇزۇن مۇددەتتە خىتاينىڭ نوپۇسىنىڭ كېمىيىش ئەھۋالى تېخىمۇ جىددىي بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە خىتاي نوپۇسىنى 50 پىرسەنت ئازىيىدۇ، دەپ باھالىغان. شاڭخەي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ بۇ يىلنىڭ بېشىدىكى مۆلچەرىدە بۇ رەقەمنى 60 پىرسەنت دەپ كۆرسەتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.