خىتاي ھۆكۈمىتى 4-ئىيۇن «تيەنئەنمېن ۋەقەسى»نىڭ 27 يىللىق خاتىرە كۈنى ھارپىسىدا «تيەنئەنمېن ئانىلار ھەرىكىتى»نىڭ رەھبىرى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق پروفېسسورى دېڭ زىلىننى نەزەربەند قىلغان.
ئاتاقلىق خىتاي ئۆكتىچى ژۇرنالىست گاۋ يۈ دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئىجتىمائىي تاراتقۇسى- تۋېتىرغا ئۇچۇر يوللاپ، دېڭ زىلىننىڭ نەزەربەند قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. سالامەتلىك تۈپەيلى قاماق جازاسىنى ئائىلىسىدە ئۆتەۋاتقان گاۋ يۈنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بېيجىڭ ئامانلىق دائىرىلىرى دېڭ زىلىنغا 1-ئىيۇندىن باشلاپ ئۇنىڭ نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. گاۋ يۈ، دېڭ زىلىننىڭ ئۆي تېلېفونى ئۈزۈپ تاشلانغانلىقىنى، ئۇنىڭ سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ساقچى كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دېڭ زىلىننىڭ ئوغلى 1989-يىلى «تيەنئەنمېن ۋەقەسى»دە ئۆلگەن. شۇنىڭدىن بۇيان ئۇ «تيەنئەنمېن ئانىلار ھەرىكىتى»گە رەھبەرلىك قىلىپ، «تيەنئەنمېن ۋەقەسى»نى ئاقلاشنى، ۋەقەدە جاۋابكارلىقى بار سابىق باش مىنىستىر لى پېڭ قاتارلىق خىتاي رەھبەرلىرىنى سوتلاشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن.
ئەمما خىتاي كومپارتىيەسى مەزكۇر ۋەقەنى ئاقلاشنى ياكى دەۋاگەرلەرنىڭ لى پىڭ قاتارلىق ئەمەلدارلارنى سوتلاشنى تەلەپ قىلىپ، ئالىي تەپتىش مەھكىمىسىگە سۇنغان ئەرزىنى قوبۇل قىلىشنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن ئىدى.
دېڭ زىلىن باشقا ئائىلە تاۋابىئاتلار بىلەن بىرگە، ھەر يىلى قەبرە سۈپۈرۈش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنى خاتىرىلەپ كەلگەن. ئۇ يېقىندا ئۆزىنىڭ سالامەتلىكى يار بەرمىگەچكە بۇ يىل خاتىرىلەشكە قاتنىشالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.