خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى «ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى» بىلەن تەربىيىلەشنى كۈچەيتمەكچى

خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان بارلىق ئوقۇغۇچىلارنى ۋە ھەتتا چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىمۇ «ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى» بىلەن تەربىيىلەشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇقتۇرۇشتا «ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى» نى دەرسلىك كىتابلار، ئوقۇغۇچىلارنى باھالاش، مۇزىيخانا زىيارەتلىرى ۋە ئىنتېرنېت تورى قاتارلىق بارلىق ساھەلەرگە سىڭدۈرۈش، ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنى پارتىيىگە ئەگەشتۈرۈش، ئۇلارغا پارتىيە تارىخى، ئىنقىلاب ۋە ئىسلاھات تارىخىغا قارىتا سەلبىي پوزىتسىيىدە بولۇشنىڭ ۋە قەھرىمانلارغا تۆھمەت چاپلاشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش تەلەپ قىلىنغان.

خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇ ئۇقتۇرۇشىدا يەنە، چەتئەللەردە بىلىم ئاشۇرۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار مەسىلىسىنىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ چەتئەللەردىمۇ شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭگو چۈشى» دىكى كۆرسەتمىلىرىنى ئۆزىگە قىبلىنامە قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، يۇقىرىدىكى بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئۈستىدىكى بېسىمنى ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى سۈپىتىدە دىققەت قوزغاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.