ما شىڭرۈي ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىغا «تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ سىڭىپ كىرىشى» نى تەلەپ قىلغان
2023.12.04
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي 2-دېكابىر كۈنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق «جۇڭتەي گۇرۇھى» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي دۆلەت كارخانىلىرىدا تەكشۈرۈشتە بولغان بولۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىغا «تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ سىڭىپ كىرىشى» نى تەلەپ قىلغان.
«شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق رايوندىكى خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ما شىڭرۈي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىيازنىڭ ھەمراھلىقىدا 2-دېكابىر شىنجاڭ «ياشىن» كۆمۈر مېتان مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات گۇرۇھى، جۇڭتەي گۇرۇھى، دوڭچى سودا چەكلىك شىركىتى قاتارلىق رايوندىكى خىتاي دۆلەت كارخانىلىرىدا تەكشۈرۈشتە بولغان. ھالبۇكى، خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى بۇ كارخانىلار چەت ئەل تەتقىقات ئورۇنلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە زىچ باغلىنىشلىق، دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان شىركەتلەردۇر.
ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تېخى يېقىندىلا بۇ كارخانىلاردىن شىنجاڭ جۇڭتەي گۇرۇھىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكاغا ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلىگەن ئىدى. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ما شىڭرۈي جۇڭتەي گۇرۇھىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، «ئەۋزەل سودا ساھەلىرىگە ئەھمىيەت بېرىش، داۋاملىق تىرىشىپ، تېخنىكىلىق قوللاشنى كۈچەيتىش، كىرىمنى ئاشۇرۇش ۋە چىقىمنى ئازايتىشنى ياخشى ئىشلەشنىڭ زۆرۈرلۈكى» نى تەكىتلىگەن. ما شىڭرۈي شىنجاڭ دوڭچى سودا چەكلىك شىركىتىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، كارخانىلارنىڭ «شىنجاڭنىڭ ئورنىدىن، سىياسەتتىكى ئەۋزەللىكتىن ياخشى پايدىلىنىپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇش پۇرسىتىنى ئاكتىپلىق بىلەن چىڭ تۇتۇشى، شىنجاڭنى بازا قىلىپ ئوتتۇرا ئاسىياغا تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ سىڭىپ كىرىشى، ‹بىر بەلباغ بىر يول› لىنىيەسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ بازىرىنى تېخىمۇ كەڭ ئېچىشى» نى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلار «شىنجاڭنىڭ دۆلەت مىقياسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن ئەۋزەللىكىگە مەركەزلىشىشى» ، رايوننىڭ «8 چوڭ كەسىپ توپى» نىڭ قۇرۇلۇش نىشانىغا ئەگىشىشى كېرەك ئىكەن. ھالبۇكى، ئادرىيان زېنزگە ئوخشاش بۇ ساھەدىكى مەخسۇس تەتقىقاتچىلار، ما شىڭرۈي دەۋرىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ تېخىمۇ كېڭەيگەنلىكىنى قەيت قىلماقتا.