ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى شاۋكەت مىرزىيايېفنىڭ بۇ يىل 5-ئايدىكى خىتاي زىيارىتى جەريانىدا خىتاي بىلەن ئۆزبېكىستان ئارىسىدا زور مىقداردىكى سودا-ئىقتىسادى، مەبلەغ ۋە باشقا ساھەلەرگە ئائىت كېلىشىملەر ئىمزالانغاندىن كېيىن، خىتاي تەرەپنىڭ ئۆزبېكىستانغا مەبلەغ سېلىشنى ئاكتىپلاشتۇرىۋاتقانلىقى ئېيتىلماقتا.
بۇنىڭ مىسالى سۈپىتىدە خىتاينىڭ بىر شىركىتى سەمەرقەنتتە سېمونت ۋە ئەينەك زاۋۇتىنى قۇرۇش ئۈچۈن بىر يېرىم مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزبېكىستان تەرەپ بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلغان. «ئۆزبېكىستان خەۋەرلىرى» ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ «CITI Holding Group Co.Ltd» دەپ ئاتالغان شىركىتى ئۆزبېكىستاننىڭ «ئۇمەر» قۇرۇلۇش-ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى تەركىبىدىكى تارماق شىركەت بىلەن ھەمكارلىشىپ، سەمەرقەنتتە بىرلەشمە شىركەت قۇرۇش ھەمدە بىرلىكتە سېمونت، قېلىن قۇرۇلۇش ئەينەكلىرى ئىشلەپچىقىرىش ھەمدە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان تېخنىكا ئورۇنلىرىنى قۇرۇشنى پىلان قىلغان. خىتاي تەرەپ بىر يېرىم مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئۆزبېكىستانغا قوشنا تاجىكىستانغىمۇ كۆپلەپ مەبلەغ سېلىپ، ھەر خىل زاۋۇتلارنى قۇرماقتا. ئىلگىرى خىتاي بىلەن ئۆزبېكىستان ئارىسىدا تەبىئىي گاز ساھەسىدىكى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئاساسىي ئورۇندا تۇراتتى. نۆۋەتتە ئۆزبېكىستاننىڭ خىتاينىڭ تۈرلۈك ساھەلەر بويىچە مەبلىغىنى جەلپ قىلىشقا كىرىشكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.