خىتاي تاراتقۇلىرى «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دېگىنى ھېساب» دېگەن تەشۋىقاتنى باشلىغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2023.04.27

شى جىنپىڭ ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مۇتلەق ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى خىتايدا «كومپارتىيەنىڭ ھەممىگە قادىر» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئاشقۇن تەشۋىقاتلار كۈچىيىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى بۈگۈن، يەنى 27-ئاپرىلدىكى سانلىرىنىڭ باش بېتىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرىتارى شى جىنپىڭنىڭ «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دېگىنى ھېساب» دېگەن سۆزىنى كەڭ كۆلەمدە تارقاتقان.

ئۇنىڭدا شى جىنپىڭنىڭ مۇنۇ سۆزلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈلگەن: «خىتاينىڭ دېگىنى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دېگىنى ۋە خىتاي كومپارتىيىسى رەھبەرلىرىنىڭ دېگىنى ھېساب. مانا بۇ ئەسلى مۇددىئا، ۋەدە ۋە تەۋرەنمەس ھەرىكەتتۇر!»

شى جىنپىڭنىڭ يۇقىرىقى سۆزى خىتاينىڭ ئاساسلىق ئاخبارات قانىلى بولغان «خەلق تورى» ۋە «شىنخۇا تورى»، شۇنداقلا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەشۋىقات ئېغىزى بولغان «تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا بىرلا ۋاقىتتا باش بەت ۋە باش ئىستۇنغا بېسىلىپ تەشۋىق قىلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى مەزگىلىدىكى چېكىدىن ئاشقان قاتتىققول قامالى، ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، تەيۋەن ۋە باشقا دۆلەتلەرگە قاراتقان «چىل بۆرە سىياسىتى» ھەمدە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا يۈرگۈزگەن تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى ئاستىرتتىن قوللىشىدەك بىر قاتار سەۋەبلەر، غەرب دېموكراتىك دۇنياسىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى سىياسەتلىرىگە قايتىدىن قاراپ چىقىشىغا تۈرتكە بولغان ئىدى. خىتاينىڭ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىش ياكى ئامېرىكا بىلەن تىنچ ئوكياندا ئۇرۇش قىلىش ئېھتىمالى ھەققىدىكى تەخمىنلەر كۈچىيىۋاتقان بۈگۈنكىدەك جىددىي بىر ۋەزىيەتتە، خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دېگىنى ھېساب» دېگەن تەشۋىقاتنى قانات يايدۇرۇشى، دىققەت قوزغىماقتا.

دوكتور ماگنۇس فىسكەسيۆنى ئۆز ئىچىەە ئالغان مۇتەخەسسسلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر خەلقئارا قانۇنلار ئاساسىدىكى مەۋجۇت خەلقئارا تەرتىپنى ئۆزگەرتىپ، خىتاينى مەركەز قىلغان يېڭى دۇنيا تەرتىپى يارىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، شى جىنپىڭنىڭ ھازىر بۇ نىيىتى توغرىلىق خەلقئاراغا ئالدىن بىشارەت بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.