خىتاينىڭ پايچەك بازىرى جۈمە كۈنى جىددىي تۆۋەنلەپ، خىتاي پۇل - مۇئامىلە بازىرىغا يەنە بىر سوغۇق سىلكىنىش ئېلىپ كەلگەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، شاڭخەي بىرىكمە ئىندېكسى جۈمە كۈنى جەمئىي 5.5 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن. بۇ خىتاي پايچەك بازىرىنىڭ بۇ يىل ئاۋغۇستتىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر تۆۋەنلىشى ئىكەن.
خىتاينىڭ پايچەك بازارلىرى بۇ يىل ئىيۇلدىكى تۆۋەنلەشتە 3 تىرىليون دوللاردىن ئارتۇق زىيان كۆرسەتكەندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى پايچەك ئالماشتۇر سودىسىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان. بۇ جەرياندا بىر نەچچە نەپەر مەبلەغ سېلىش شىركەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى تۇتۇلغان، ياكى سوراققا تارتىلغان ئىدى.
خىتاي شۇندىن كېيىن بازارغا كۆپ نىسبەتتە نەق پۇل كىرگۈزۈش ۋە بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى چوڭ شىركەتلەرنى پايچەك سېتىشتىن توختىتىش قاتارلىق جىددىي تەدبىرلەرنى ئېلىپ بازارنى ئوڭشىماقچى بولغان.
«بلۇمبېرگ» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل ئىيۇلنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە 5 مىڭ 100 پوئىنتقا يەتكەن شاڭخەي ئىندېكسى 2 - سېنتەبىرگە كەلگەندە 3 مىڭ 160 پوئىنتقا چۈشۈپ قالغان.
شاڭخەي ئىندېكسى شۇندىن كېيىن بىرئاز تۇراقلاشقان ۋە مۇئەييەن دەرىجىدە ئۆرلىگەن بولسىمۇ، 27 - نويابىر يەنە تۆۋەنلەپ 3 مىڭ 436.30 پوئىنتقا چۈشكەن.
«ۋول سترېت ژۇرنىلى» دىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي پايچەك بازىرىدا بۇ نۆۋەت كۆرۈلگەن يېڭى داۋالغۇشنىڭ يەنىمۇ ئۆتكۈرلىشىدىغانلىقى مەلۇم.