ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىچكىرىدىن كەلگەن T307 نومۇرلۇق پويىزدىكى خىتايلارنىڭ ئۆزىنى مەلۇم قىلىشىنى تەلەپ قىلدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى 26‏-يانۋار كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 19‏-يانۋار كۈنى ۋۇخەننىڭ ۋۇچاڭ پويىز بېكىتىدە T307 نومۇرلۇق يولۇچىلار پويىزىنىڭ 8‏-ۋاگونىدا ئولتۇرۇپ ئۇيغۇر رايونىغا چىققان خىتايلارنىڭ دەرھال ئۆزىنى مەلۇم قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نى 31‏-دېكابىر كۈنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا مەلۇم قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ ۋۇخەندىن يولغا چىققان يولۇچىلار پويىزىغا قارىتا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئالمىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

مەلۇم بولۇشىچە، 19‏-يانۋار كۈنى ۋۇخەننىڭ ۋۇچاڭ پويىز بېكىتىدە T307 نومۇرلۇق يولۇچىلار پويىزىنىڭ 8‏-ۋاگونىغا چىقىپ، 20‏-يانۋار گەنسۇدىكى لوڭشى بېكىتىدە چۈشۈپ قالغان بىر خىتاي يولۇچىنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دا يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان. «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھەرلىك يېڭى تىپتىكى ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسىدىن مۇداپىئە كۆرۈش قوماندانلىق شتابى T307‏ نومۇرلۇق يولۇچىلار پويىزىنىڭ 8‏-نومۇرلۇق ۋاگونىدا ئۈرۈمچىگە كەلگەن يولۇچىلارنىڭ دەرھال ئۆزى تۇرۇشلۇق ئورۇنلاردىكى ئاھالىلەر كومىتېتى، ئىدارە ياكى مېھمانخانا دائىرىلىرىگە ئۆزىنى مەلۇم قىلىشى ياكى 12345 نومۇرغا تېلېفون قىلىپ، ئۆزىنى تىزىمغا ئالدۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇقتۇرۇشتا يەنە بۇ كىشىلەرنىڭ تالاغا چىقماسلىقى، ئائىلىدە كارانتىنغا ئېلىنىشى، ئەگەر نورمالسىز ئەھۋال كۆرۈلسە دەرھال بەلگىلەنگەن داۋالاش ئورنىغا بېرىشى تەلەپ قىلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە ۋۇخەن شەھىرىنى قامال قىلىپ، ئۇنىڭغا كىرىش-چىقىشنى چەكلىگەن بولسىمۇ، خەۋەرلەردە 11 مىليونلۇق ۋۇخەن شەھىرىدىكى 5 مىليون كىشىنىڭ بۇ شەھەردىن چىقىپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. نۆۋەتتە، بۇ كىشىلەرنىڭ قايسى ئۆلكە، رايونلارغا تارقالغانلىقى مەلۇم ئەمەس ئىكەن. «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 27‏-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، دائىرىلەر 26‏-يانۋارغا قەدەر ئۇيغۇر رايونى مىقياسىدا 5 كىشىنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغانلىقى، ئۇلارنىڭ 4 نىڭ ئۈرۈمچىدە، بىرىنىڭ ئىلى ئوبلاستىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بەزى مۇتەخەسسىسلەر ۋىرۇسنىڭ ماھىيىتى سەۋەبلىك ئۇنىڭ كەلگۈسى بىر قانچە ھەپتىدە پارتلاش خاراكتېرلىك كۆپىيىشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلماقتا.