يەللېن: خىتاينىڭ پۇل سىياسىتىدىكى ئېنىقسىزلىق دۇنيا بازىرىدىكى داۋالغۇشقا تۈرتكە بولۇۋاتىدۇ

ئامېرىكا مەركىزى بانكىسى-فېدىرال غەزىنىسىنىڭ رەئىسى جەننېت يەللىن خىتاينىڭ خەلق پۇلى سىياسىتىدىكى ئېنىقسىزلىق دۇنيا بازىرىدىكى داۋالغۇشقا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئۆسۈشىگە بولغان ئەندىشىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

جەننېت يەللىن چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە قىلغان گۇۋاھلىق سۆزىدە، خەلق پۇلى كۇرسىنىڭ يېقىندا چۈشۈپ كېتىشى «خىتاينىڭ پۇل ئوبورت سىياسىتىدىكى ئېنىقسىزلىقنى، ئۇنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئىستىقبالىغا بولغان ئەندىشىنى كۈچەيتىۋەتتى» دېدى.

جەننېت يەللىن، خىتاي ئىقتىسادى قاتتىق يىقىلىدۇ، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما خەلق پۇلى سىياسىتىدىكى ئېنىقسىزلىق يەر شارى ئىقتىسادىغا مەنفىي تەسىر كۆرسىتىپ، «نېفىت ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسىدىكى چۈشۈشكە تۈرتكە بولدى» دەپ كۆرسەتتى.

ئۇنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، مال باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى تاۋار ئېكسپورت ساھەسىدىكى سەرمايىنى ۋە تاۋار ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلەرنى جىددىيلەشتۈرۈۋېتىدىكەن. ئۇ، ئەگەر بۇ ئەمەلگە ئاشسا «خەلقئارا ئىقتىسادى پائالىيەت، ئامېرىكا ئېكسپورت ماللىرىغا بولغان تەلەپ ئاجىزلىشىپ، سەرمايە بازىرىنىڭ ئەھۋالى ئىلگىرىلەپ تارىيىدۇ» دېدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى خەلق پۇلى كۇرسىنى قەدەم باسقۇچلۇق قويۇپ بېرىشكە ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ 2015‏-يىلى 8‏-ئايدا پۇل كۇرسىنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ، خەلق پۇلىنىڭ كۇرسىنى يەنە چۈشۈرگەن ئىدى.