ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىمزالىغان «خوڭكوڭ ئاپتونومىيە سىياسىتى قانۇنى» دىكى ماددىلار بويىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭنى باستۇرۇشىغا شېرىك دەپ قارالغان خىتاي بانكىلىرى يەرشارى پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىدىن زور دەرىجىدە چەكلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ 14-ئىيۇل كۈنى ئىمزالىغان «خوڭكوڭ ئاپتونومىيە سىياسىتى قانۇنى» بويىچە ئەگەر ھەرقانداق بانكا ئامېرىكا تەرىپىدىن جازالانغان ئەمەلدارلار بىلەن سودا قىلسا ئامېرىكا بانكىلىرىدىن قەرز ئېلىشىنى چەكلەش، پۇل ئالماشتۇرۇش، بانكا سودىسىغا قاتنىشىش ۋە پاي ھوقۇقىغا مەبلەغ سېلىشىنى چەكلەش قاتارلىق جازا تەدبىرلىرى بىلەن جازالىنىدىكەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەنە بېكىتىلگەن ئورگانلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى توڭلىتىشى مۇمكىن ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكانىڭ جازا تەدبىرلىرى «خىتاي بانكىسى» «خىتاي سودا-سانائەت بانكىسى»، «خىتاي قۇرۇلۇش بانكىسى» قاتارلىقلارنى كۆزدە تۇتۇپ تۈزۈلگەن بولۇپ، يەرشارى پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىدىن چەكلىنىش خىتاي ئۈچۈن زور خەۋپ ھېسابلىنىدىكەن.
كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈنمۇ ناھايىتى چوڭ بېسىم بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىلۇمبېرگ ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ 4 چوڭ دۆلەت ئىلكىدىكى بانكىسى خىتاي كارخانىلىرىنىڭ سودا ئوبوروتىنى بىر تەرەپ قىلىپلا قالماي، يەنە بېيجىڭنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىمۇ مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
ئەگەر ئامېرىكانىڭ جازا تەدبىرى ئىشقا كىرىشسە، خىتاي بانكىسى بۇنىڭ زەربىسىگە ئەڭ قاتتىق ئۇچرايدىكەن. نومۇرا تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى تاكاخىدې كىيۇچى «ئاسىياغا قاراپ چىقىش» ناملىق گېزىتكە قىلغان سۆزىدە «ئەگەر ھەقىقەتەن شۇنداق بولسا، چەتئەلدە سودا قىلىدىغان خىتاي شىركەتلىرى ئامېرىكا دوللىرىنى يۆتكىيەلمەسلىكى ۋە نەتىجىدە خىتاينىڭ سودىسى تەبىئىيلا ئازىيىشى مۇمكىن،» دېگەن.
كۆزەتكۈچىلەر بۇنى ئامېرىكا ھازىرغىچە خىتايغا يۈرگۈزگەن ئەڭ زور جازالارنىڭ بىرى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، دەپ قارىماقتا.