خوڭكوڭ پۇتبول مەستانىلىرى خىتاي دۆلەت شېئىرىنى مازاق قىلىپ ۋارقىرىغان

مەلۇم بولۇشىچە، سەيشەنبە كۈنى خوڭكوڭدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىنى تالىشىش مۇسابىقىسى جەريانىدا خوڭكوڭ پۇتبول مەستانىلىرى خىتاي دۆلەت شېئىرى ئورۇنلانغاندا مازاق قىلىپ ۋارقىرىغان.

خوڭكوڭ پۇتبول جەمئىيىتى خادىملىرى مەزكۇر ھادىسىنى كىچىكلىتىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، پۇتبول مەستانىلىرى خوڭكوڭدىكى بېيجىڭپەرەس رەھبەرلەرنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان.

مۇسابىقە خوڭكوڭنىڭ موڭكوك تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، قاتار كوماندىسى 2 گە قارىشى 3 نەتىجە بىلەن خوڭكوڭ كوماندىسىنى يەڭگەن.

خوڭكوڭ پۇتبول مەستانىلىرى بۇ يىلنىڭ بېشىدا خوڭكوڭدا ئۆتكۈزۈلگەن باشقا توپ مۇسابىقىلىرىدىمۇ خىتاي دۆلەت شېئىرى ئورۇنلانغاندا ئۈشقىرتىپ خىتاي دۆلەت شېئىرىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى. شۇندىن كېيىن خوڭكوڭ پۇتبول جەمئىيىتى رەئىسى مارك سۇتسلىفە كىشىلەرنى دۆلەت شېئىرىنى ھۆرمەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتقان. ھالبۇكى، خوڭكوڭ توپ مەستانىلىرىنىڭ خىتاي دۆلەت شېئىرىغا يەنە بىر قېتىم ھۆرمەتسىزلىك قىلىشى پۇتبول جەمئىيىتىنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان.

خوڭكوڭنىڭ بېيجىڭپەرەس پالاتا ئەزاسى مايكېل تيەن دۆلەت شېئىرىغا ئۈشقىرتىشنىڭ ئۆز دۆلىتىگە ھۆرمەتسىزلىك قىلىش بولۇپلا قالماي، خوڭكوڭ مۇستەقىللىقنى قوللايدىغانلارغا يان بېسىش بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خوڭكوڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆتكەن يىلى سېنتەبىردىن باشلاپ خوڭكوڭ ۋالىيسىنى ئۆزلىرى سايلاش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئايلاپ نامايىش قىلغان ۋە بېيجىڭ دائىرىلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.