خىتاي دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ سۈرىيەگە ئۇتتۇرۇپ قويۇشى خىتاي توپ مەستانىلىرىگە قاتتىق ھار كەلگەن
2016.10.07
6-ئۆكتەبىر، دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىنىڭ ئاسىيا رايونى گۇرۇپپا تەييارلىق مۇسابىقىسى خىتاينىڭ شىئەن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈپ، خىتاي دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى سۈرىيە كوماندىسىغا 0 دە 1 ئۇتتۇرۇپ قويغان.
ئۇنىڭ، 4 يىللىق ئۇرۇش ئوتىدا پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان سۈرىيەدەك بىر دۆلەتكە ئۇتتۇرۇپ قويۇشى خىتاي توپ مەستانىلىرىگە قاتتىق ھار كەلگەن. نەتىجىدە، ئونمىڭلىغان توپ مەستانىسى شىئەن تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ سىرتىغا يىغىلىپ، خىتاي پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى سا جېنخۇانىڭ ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. ئەمما دائىرىلەر قوراللىق ساقچىلارنى چىقىرىپ، نامايىشنى كونترول قىلغان ھەم ئاخباراتنىڭ مەزكۇر ھادىسىنى خەۋەر قىلىشىنى چەكلىگەن.
كېلەر نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى 2018-يىلى رۇسىيەدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. شىئەندىكى گۇرۇپپا تەييارلىق مۇسابىقىدە 12 كوماندا رىقابەتكە چۈشكەن ئىدى. سۈرىيە-خىتاي كوماندىلىرىنىڭ مۇسابىقىسى باشلىنىپ، 54 مىنۇت ئۆتكەندە سۈرىيە كوماندىسى خىتاي ۋارىتاسىغا بىر توپ ئۇرۇۋەتكەن.
ئەمما، خىتاي كوماندىسى پۈتۈن مۇسابىقىدە سۈرىيە ۋارىتاسىغا قايتۇرۇپ بىر توپ كىرگۈزەلمىگەن. بېيجىڭ سانائەت پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى خۇ شىڭدۇ، جۈمە كۈنى رادىيومىزدا قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ پۇتبول سىياسىتىنى تەنقىدلەپ، «پۇقرالارنىڭ جىسمانىي سالامەتلىكى جىددىي كاپالەتكە ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، پۇتبول چوڭ دۆلىتى بولۇشنى قوغلىشىش بىھۇدە ئاۋارىچىلىك» دېگەن.
ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي پۇتبولغا سالغان مەبلىغىنى باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ جىسمانىي ساپاسىنى ياخشىلاشقا سالسا ياخشىراقكەن.