خىتاي ھۆكۈمىتى «خىتايچە زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ» نىڭ قانۇنىي ئاساسىنى مۇستەھكەملىمەكچى ئىكەن
2025.02.18
خىتايچە «تەڭرىتاغ تورى»، «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 18-فېۋرال چىقارغان خەۋىرىگە قارىغاندا، 2-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۈرۈمچىدە «2025-يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك قانۇن تۇرغۇزۇش خىزمەت يىغىنى» ئېچىلغان. يىغىندا «خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ بەرپا قىلىش ئۈچۈن يەرلىك قانۇن تۇرغۇزۇش خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش» ۋەزىپىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل رىياسەتچىلىك قىلغان بۇ يىغىندا، «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە قەتئىي چىڭ تۇرۇش، يەرلىك قانۇن خىزمىتىنى كۈچەيتىپ پۇقرالارنىڭ قانۇن ئېڭىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش» تەكىتلەنگەن. زۇمرەت ئوبۇل يەنە ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ يەرلىك خەلقنىڭ پىكرىنى توپلاپ، ئۇلارنىڭ ئىرادىسى ۋە ئەقىل-پاراسىتىنى قانۇن ماددىلىرىدا ئەكس ئەتتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇيرۇقى قانۇن ھېسابلىنىدىغان خىتايدا، قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈنلەي شەكىلۋازلىق تۈسىنى ئالغانلىقى مەلۇم.
خىتاي «شىنخۇا تورى» نىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى 2024-يىل 8-ئاينىڭ 24-كۈنى چاقىرغان 35-نۆۋەتلىك مۇدىرلار يىغىندا «ش ئۇ ئا ر خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ ھەققىدىكى جازا تەدبىرلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرۇش» تېمىسىدىكى قارار لايىھەسى ماقۇللانغانىدى. سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن بۇ ھەقتە رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھېچقانداق كۈچى ۋە تەسىرى يوق ئورگان بولۇشىغا قارىماي، پەقەت دۆلەت ئوبرازى ئۈچۈن تىكلەپ قويۇلغان، ئەمەلىيەتتە بولسا خىتاي كومپارتىيەسىگە خىزمەت قىلىدىغان ئاپپارات ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.