خىتاينىڭ ئۆتكەن يىلقى «چەت ئەل دۈشمەن كۈچلىرى» نى باستۇرۇشىدا قولغا ئېلىنغانلار 47 پىرسەنت ئاشقان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.03.13

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆتكەن يىلى ئېلىپ بارغان «چەت ئەل دۈشمەن كۈچلىرى» گە چېتىشلىق جىنايەتلەرنى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە قولغا ئېلىنغانلارنىڭ سانى 50 پىرسەنتكە يېقىن ئارتقان.

خىتاي باش تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى يىڭ يوڭ 11-مارت كۈنى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىغا بەرگەن دوكلاتىدا، 2023-يىلى 726 مىڭ كىشىنىڭ «چەت ئەل دۈشمەن كۈچلىرى» گە زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى جەريانىدا قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېيتقان. بۇنىڭ ئالدىنقى يىلقىدىن 47.1 پىرسەنت ئارتقانلىقى قەيت قىلىنماقتا. گەرچە يىڭ يوڭ دوكلاتىدا ھەر قايسى كاتېگورىيەلەر بويىچە تەپسىلىي توختالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ 2023-يىلى 2 مىليون 400 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ «دۆلەت بىخەتەرلىكى» گە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتلەردىن «قولغا ئېلىنغان» ياكى «جازالانغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

بۇنىڭ ئىچىدە ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر دىيارىدىن يۇقىرىقى جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان ياكى جازالانغانلارنىڭ قانچە پىرسەنتنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ رەسمىي سانلىق مەلۇماتلىرىدىن ئۇيغۇر دىيارىدا جازا لاگېرلىرى باشلانغان 2017-يىلدىن 2022-يىلغىچە، 615 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ جازالانغانلىقى، 2017-يىلى جازالانغانلارنىڭ ئالدىنقى يىلقىدىن 437 پىرسەنت ئارتقانلىقى مەلۇم. لېكىن يۇقىرى تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ بۇ يىل 2-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 14-قېتىملىق 2-يىغىنىدا بەرگەن دوكلاتىدا، ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر دىيارىدا دۆلەت بىخەتەرلىكى ياكى ئاتالمىش «تېررورلۇق»، «ئاشقۇنلۇق» جىنايەتلىرىگە چېتىلىپ قولغا ئېلىنغان كىشىلەرنىڭ كونكرېت سانى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن ئىدى.

يىڭ يوڭنىڭ 11-مارت خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا بەرگەن دوكلاتىدا قەيت قىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى خىتاي دائىرىلىرى خىتاي بويىچە بىر مىليون 688 مىڭ كىشىنى رەسمىي جازالىغان بولۇپ، بۇ 2022-يىلقىدىن 17.3 پىرسەنت ئاشقان. ئۇ يەنە ئۆتكەن يىلقى «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى «سىڭىپ كىرىش، بۇزغۇنچىلىق قىلىش، قۇتراتقۇلۇق قىلىش ۋە بۆلگۈنچىلىك» قاتارلىق «چەت ئەل دۈشمەن كۈچلىرى» گە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتلەرگە قارىتىلغانلىقىنى ئېيتقان. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاينىڭ «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» ناھايىتى مۈجمەل بولۇپ، «دۆلەت بىخەتەرلىكى جىنايىتى» ژۇرنالىستلار، ئادۋوكاتلار ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ تورغا يوللىغان ماتېرىياللىرىغا ئاساسەن بېكىتىلمەكتە ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.